ئوچېرىك
5 مىنۇت ئوقۇش
زەربە بېرىش ياكى زەربە بەرمەسلىك: ترامپنىڭ ئىراندىكى مۈشكۈلاتلىرى بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
مۇتەخەسسىسلەر ت ر ت ۋورلدنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ترامپنىڭ ماگا ھەرىكىتىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا ئېغىر ئىختىلاپ ئالامەتلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
زەربە بېرىش ياكى زەربە بەرمەسلىك: ترامپنىڭ ئىراندىكى مۈشكۈلاتلىرى بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
ترامپ قوللىغۇچىلاررنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. / Reuters
tokea masaa 5

«ئامېرىكانى قايتىدىن ئۇلۇغ قىلىش»  (Make America Great Again, MAGA) ھەرىكىتى، كىشىلىك خاراكتېر، ساداقەت ۋە شوئارلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ قۇرۇلدى. ئەمما، بۇ ئىتتىپاق ئوتتۇرا شەرقتە كېڭىيىۋاتقان ئۇرۇش سايىسىدا يىمىرىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى:

«ئەگەر پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئامېرىكانى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىرىشنى قارار قىلسا، ئۇنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىتتىپاقداشلىقىدا ئاللىقاچان روشەن بولغان ئىدىيەۋى ئىختىلاپ، پۈتۈنلەي سىياسىي بۆلۈنۈشكە ئايلىنىشى مۇمكىن. »

ماسساچۇسېتس ئامېرست (Massachusetts Amherst) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ۋە سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى پائۇل م. كولىنس، ج ر (Paul M. Collins, Jr) ت ر ت ۋورلدنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بۆلۈنۈش ئېغىر. بىراق، بۇلارنى ئالدىمىزدىكى كونگرە سايلىمىدىن ئىلگىرى ترامپنىڭ ئىتتىپاقىنى پارچىلىيالىغىدەك چوڭ ئەمەس دەپ ئويلايمەن» دېدى.

 

مەسىلىلەر جۇغراپىيەلىك سىياسىي بولسىمۇ، تەۋرىنىش ئىدېيولوگىيەلىك

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرى ۋە ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلغان بىر تەرەپلىمە ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان مۇنازىرەلەر، ھازىر ۋاشىنگىتوننىمۇ ئىچىگە ئېلىپ كىرىش خەۋىپىگە ئىگە.

ترامپنىڭ تاشقى سىياسىتى كەسكىن زىددىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىلىنىدۇ. بىر كۈنى ئۇ «ئەخمەقلەرچە تۈگىمەس ئۇرۇش» قا قارشى چىقسا، ئىككىنچى كۈنى ئۇ دۈشمەنلىرىگە تەھدىت سالىدۇ.

ترامپنىڭ ئىلگىرى بىر-بىرى بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغان ئاممىۋى ئاساسى، ئەمدى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس.

بۇ مۇنازىرەنىڭ بىر تەرىپىدە كېڭەش پالاتا ئەزاسى لىندسېي گراخام (Lindsey Graham)، ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايك خاكابى (Mike Huckabee) ۋە مارك لېۋىن (Mark Levin) ۋە شان خاننىتى (Sean Hannity ) قاتارلىق ئوڭ قانات ئاخبارات ئەربابلىرى بار. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى ئىراننىڭ يادرو ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە تېھراندىكى ھازىرقى ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنىڭ تارىخىي پۇرسىتى دەپ قارايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، تاكېر كارلسون (Tucker Carlson) ،ستېۋ باننون (Steve Bannon) ، مات گايتىز (Matt Gaetz ) ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى مارجورى تايلور گرېن (Marjorie Taylor Greene ) قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان  «ترامپىزم» (ئارىلاشماسلىق) ھەرىكىتى بار. بۇلار ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىلىق بولسىمۇ ھەر قانداق شەكىلدە ئىشتىراك قىلىشىنىڭ، ترامپنى ھاكىمىيەت بېشىغا ئېلىپ كەلگەن «چەت ئەللەردە ئەمدى ئۇرۇش قىلمايمىز» دېگەن نېگىزلىك ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

باننون چارشەنبە كۈنى (18-ئىيۇن) ۋاشىنگتوندا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى:

«ئىران دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكىي مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى. ئىراندا 92 مىليون نوپۇس بار. بۇ سىز ئوينىيالايدىغان نەرسە ئەمەس. سىز بۇ سەۋىيەدە چوڭقۇر ئويلىنىشىڭىز كېرەك، ئامېرىكا خەلقىگە بۇ توغرىلىق مەلۇمات بېرىشىڭىز كېرەك. سىز بۇنى ئۇلارغا مەجبۇرىي تاڭالمايسىز.»

ئۇنداقتا ترامپچۇ؟ ترامپ ئوتتۇرىدا قالغاندەك قىلىدۇ

كولىنس مۇنداق دېدى: «ترامپ ئىراننىڭ يادرو دۆلىتىگە ئايلىنىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ <بۈركۈت> بولۇشىغا سەۋەب بولدى دەپ ئويلايمەن.»

پوزىتسىيە قاتتىقلاشقانسېرى، ئىنكاسلارمۇ كۈچىيىدۇ

كولىنس: «بىر قىسىم كونگرى ئەزالىرى ترامپنىڭ كونگرەنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇرۇشقا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. كېنتاكىيلىق توماس ماسسى (Thomas Massie ) ۋە كالىفورنىيەلىك رو خاننا (Ro Khanna) كونگرەنىڭ تەستىقىسىز ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ھەر قانداق ھەرىكەت قىلىشىنى چەكلەش قانۇن تەكلىپىنى سۇندى. ماسسى ئېكس (X) بېتىدە، <بۇ بىزنىڭ ئۇرۇشىمىز ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بولسا، كونگرە بۇ مەسىلىلەرنى ئاساسىي قانۇنىمىزغا ئاساسەن قارار قىلىشى كېرەك، دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى. ئامېرىكا ئۇرۇشقا قانچە كۆپ قاتناشسا، ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقىمۇ شۇنچە كۈچىيىدۇ» دېدى.

بۇ جىددىيچىلىك پەقەت نەزەرىيەلا ئەمەس

ترامپنىڭ كابېنتىدا دۆلەت ئىستىخبارات دىرېكتورى بولغان تۇلسى گاببارد (Tulsi Gabbard):

« ئىراننىڭ يېقىندا يادرو بومبىسى ياسىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق» دېدى.

ترامپ تۇلسىنىڭ بۇ سۆزىگە غەزەپلەندى. مۇخبىرلار ترامپتىن تۇلسىنىڭ ئېيتقانلىرى توغرىسىدا  سوئال سورىغاندا: «مەن ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىگە پەرۋا قىلمايمەن، مېنىڭچە ئىران يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشقا ئاز قالدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump privately green-lights Iran strike plan but holds off final order — WSJ

بۆلۈنۈش كېڭىيىۋاتىدۇ

UC قانۇنى سان فىرانسىسكودىكى تارىخچى داۋىد لېۋىن (David Levine) ت ر ت ۋورلد  (TRT World) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېدى:

«ئەگەر ترامپ ئامېرىكانى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا يېتەكلىسە، بىز ماگا ھەرىكىتى ئاممىۋى ئاساسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بۆلۈنگەنلىكىنى كۆرىمىز.»

لېۋىن ترامپنىڭ مەيدانىنى كلاسسىك تەھدىت سېلىش ئىستراتېگىيەسى. ئۇنىڭ تاكتىكىسى تەھدىتنى كۈچەيتىپ ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى تېھراننى قايتىدىن سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكلىش ئۈچۈن بېسىم قىلىش، دەپ قارايدۇ.  

لېۋىن يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىنچىلىكىنى ئېچىشقا ئۇرۇنۇش بولۇشى مۇمكىن ، بۇ تەھدىدنىڭ ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ».

ئۇ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلدى:

«بۇ يەنە، ئامېرىكانىڭ چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىنچىلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىتلەرنىڭ ئىراننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈمىدى بىلەن قىلىنغان ھەرىكەت بولۇشىمۇ مۇمكىن.»

تېھراننىڭ ھەر خىل رايون خەلق ئەسكەرلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ۋە سىممېترىك بولمىغان ئۆچ ئېلىش تارىخى بار.

لېۋىن بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«ئىران ئامېرىكانىڭ پارس قولتۇقىغا يېقىن بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىسرائىلىيەگە شۇنچە كۆپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقى ئۈچۈن، قولىدا قانچىلىك قالغانلىقىنى بىلمەيمەن.»

ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ج.د. ۋەنس ئامېرىكا ئوڭچىلىرىنىڭ ئىچىدە ئۇرۇشۇۋاتقان گۇرۇپپىلار ئارىسىدا، يېڭى يول تېپىشقا تىرىشماقتا.

ئۇ ئېكس بېتىدە ئەستايىدىللىق بىلەن يازغان «ترامپ ئىراننى ئۇران قويۇلدۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش  ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا قارار بېرىشى مۇمكىن» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ئەمما، ۋەنسنىڭ سەمىمىي ھەرىكىتىمۇ ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

چارشەنبە كۈنى (18-ئىيۇن) ترامپنىڭ «قىلىشىممۇ، قىلماسلىقىممۇ مۇمكىن» دېگەن سۆزى، ئۇنىڭ «ئامېرىكانى قايتىدىن ئۇلۇغ قىلىش ھەرىكىتى»  دىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇجىمەللىكنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆلۈنۈشنىمۇ جىمجىت چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نېتانياھۇنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە جەريانىدىكى باياناتلىرى، ترامپنىڭ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. بىراق، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ۋە سىياسىي نارازىلىق خەۋىپى يەنىلا غەربىي قاناتنى بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەسلىمىلەرنىڭ بىرسى.

يېڭى ئىقتىسادشۇناس (YouGov) نىڭ راي سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ترامپ سايلىغۇچىلىرىنىڭ %53 ى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئىشتىراك قىلىشقا قارشى تۇرىدىكەن. بۇ «ئامېرىكانى قايتىدىن ئۇلۇغ قىلىش ھەرىكىتى» نىڭ توقۇنۇشتىن يىراق تۇرۇشنى ياخشى قوللايدىغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خىل كەيپىيات تېخىمۇ كەڭ جامائەت پىكىرىنىمۇ نامايان قىلىدۇ. چىكاگو كېڭىشىنىڭ يەرشارى ئىشلىرى ۋە ئىپسوس (Chicago Council on Global Affairs ve Ipsos ) نىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھەر 10 ئامېرىكالىقنىڭ سەككىزى ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنىڭ ئورنىغا دىپلوماتىيەنى تاللايدىكەن.

يەنە راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كونگرەدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپى ۋە ترامپنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى كونگرەنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ، ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ ئاممىنىڭ ئىچىدە ئاللىبۇرۇن پارچىلىنىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ئېھتىيات قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئاۋازلار قارىماققا چەتكە قېقىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، تەھلىلچىلەر ئىراننىڭ ئىنكاسى ئاپەت خاراكتېرلىك بولمىسىلا، ترامپنىڭ تەستىق دەرىجىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

لېۋىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئەگەر ئىراننىڭ ئىنكاسى ئانچە دراماتىك بولمىسا، بۇ ترامپنىڭ ئامېرىكادىكى ئورنىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ھازىر راي سىناشتا ئالقىشقا سازاۋەر ئەمەس؛ مېنىڭچە ئىرانغا قارىتىلغان ھەر قانداق ھەرىكەت بۇ ساننى ئانچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Netanyahu thanks Trump for backing Israel in conflict with Iran
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us