ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىسرائىلىيەنى ئىران مەسىلىسىدە «ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» كە چاقىردى.
ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كىرىستى نوئېم نېتانياھۇغا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇساپىنىڭ داۋاملىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى كىرىستى نوئېم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتلىرى ھەققىدە سەمىمىي مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.
نوئېم «‹Fox News› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ «فوكس ۋە دوستلار» پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«پىرېزىدېنت ترامپ مېنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ، باش مىنىستىر بىلەن بۇ سۆھبەتلەرنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقى ۋە مۇساپىنىڭ داۋاملىشىشىغا يول قويۇشىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە بۇيرۇدى.
سۆھبەت ئىنتايىن سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى.»
نوئېم بۇ سۆزلەرنى ئىران ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە رىمدا بەشىنچى قېتىملىق سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ھەمدە چەكلىك بولسىمۇ بەزى ئىلگىرىلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن قىلدى.
ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن بولغان يادرو سۆھبىتىدە «مۇھىم ئىلگىرىلەش» ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ۋە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

Omani Foreign Minister Badr Albusaidi says the talks will take place on Friday, ending days of speculations.
ئىران يادرو كېلىشىمىنى رەت قىلماقتا
ئىلگىرى ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ۋاسىتىلىك يادرو سۆھبەتلىرى جەريانىدا ھەرقانداق بىر ۋاقىتلىق كېلىشىمنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى رەت قىلغانىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىسمائىل باقائى تېھراندا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى:
«ئەگەر ئامېرىكانىڭ مەقسىتى ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى تىنچلىق نىيىتىدە داۋاملاشتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بولسا، بۇ مۇمكىن. بىز ھەرگىزمۇ ھەربىي يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا ئۇرۇنمىدۇق.
ئەگەر مەقسەت ئىراننى تۆۋەن سەۋىيەدە ئوران قويۇلدۇرۇشتەك ئاساسلىق ھەق – ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىش بولسا، بۇ خىلدىكى سۆھبەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز.»
باياناتچى يەنە، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان تېھراننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ يىلغىچە ئوران قويۇلدۇرۇشىنى توختىتىپ قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىمۇ رەت قىلىپ، سۆھبەت ئۈستىلىدە ھەرگىزمۇ بۇنداق بىر ئىشنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.
ئومان ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى توغرىسىدىكى ئاساسلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلماقتا. ئۆتكەن ئايدىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن بەش قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئۈچى مەسقاتتا ئۆتكۈزۈلدى.
2018-يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئىران بىلەن دۇنياۋى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا 2015-يىلى ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىندۈرۈپ چىقارغان ترامپ، ھازىر «تېخىمۇ ياخشى» بىر كېلىشىم ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.