1 يوليو 2025
تۈركىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانلىرىدىن بىرىنىڭ ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە رايوندىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېلىشىمگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ دۈشەنبە كۈنى (2025-يىلى 30-ئىيۇن) تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد لاممى (David Lammy ) بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە، ئەنقەرە بىلەن لوندوننىڭ بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەردە بىر قاتار نىشانلارنى ئورتاقلىشىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى:
«ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان، ئەمما كۈچلۈك مۇناسىۋەتلىرى بولغان، ناتوغا ئەزا ئىككى دۆلەتمىز.»
ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، مۇداپىئە ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىقنى تەكىتلەپ: «بىزنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىمىز 30 مىليارد دوللارلىق نىشانغا تەدرىجىي يېقىنلاشماقتا» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - UK–Türkiye trade talks held at House of Lords as businesses push to modernise FTA
ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاش
ئۇ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئۈستىدە توختىلىپ: «بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ يېقىنقى يىللاردا قەتئىيلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشانىمىز» دېدى.
ئۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىدە زور كۈچ چىقارغانلىقىنى، ھازىرقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنى يېڭىلاشنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مۇداپىئە ساھەسىدىكى داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«مۇداپىئە سانائىتىدىكى ھەمكارلىقىمىز كۆرۈنەرلىك ياخشى ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. <ياۋرو فايتېر> (Eurofighter) ئايروپىلانى سېتىۋېلىشتىن تارتىپ باشقا بىرلەشمە تۈرلەرگىچە، شىركەتلىرىمىز ۋە ئورگانلىرىمىز ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا.»
ئۇ يەنە، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەت كۆز قاراشلىرىنىڭ غەززە ئۇرۇشى، سۈرىيە، ئىران، ئىراق ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق نۇرغۇن دۇنياۋى مەسىلىلەردە ماس كېلىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ موسكۋا بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye's Erdogan urges NATO allies to lift all defence trade restrictions