تەيۋەن دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل (AI) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تەيۋەنگە قارشى يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنى كۈچەيتىپ، تەيۋەن خەلقىنى «بۆلۈش» نى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينى ھەربىي مانېۋىرلارنى كۆپەيتىش، سودا جازاسى يۈرگۈزۈش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئارالنى خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋاسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىماقچى بولۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ، تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بۇ ھۆكۈمرانلىق دەۋاسىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ ئايدا خىتاي دېموكراتىك يول بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بۇ ئارال ئەتراپىدا ئىككى كۈنلۈك راست ئوق ئېتىلغان ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
رويتېرس تەرىپىدىن تەكشۈرۈلگەن ۋە پارلامېنتقا سۇنۇلغان دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تەيۋەن خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بۇ يىل (2025) كىرگەندىن بۇيان 500 مىڭدىن ئارتۇق «تالاش-تارتىشلىق ئۇچۇر» نى بايقىغان بولۇپ، بۇلار كۆپىنچە فەيسبۇك ۋە تىكتوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كۆرۈلگەن.
دوكلاتتا قەيت قىلىنىشىچە، بېيجىڭ پىرېزىدېنت لەي چىڭدې ئۆتكەن ئايدا (مارت) خىتاي ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە تەيۋەننىڭ «TSMC» ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى ئامېرىكادا يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتنى تاللاپ، «ھېسسىي ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان ھەرىكەتلەرنى باشلىغان.
دوكلاتتا، تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى «بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.
دوكلاتتا يەنە: «سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىش كۈنسېرى كېڭىيىپ ۋە پىشىپ يېتىلگەنسېرى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، تالاش-تارتىشلىق ئۇچۇرلارنى پەيدا قىلىش ۋە تارقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ كۆپەيگەنلىكى بايقالدى» دېيىلدى.
خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ توغرىدا ھېچقاداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.

Defence Ministry says they have monitored and “employed aircraft, navy ships and coastal missile systems in response to detected activities.”
«كۈلرەڭ رايون» تاكتىكىلىرى
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تەيۋەنگە قارشى «كۈلرەڭ رايون» تاكتىكىلىرىنىمۇ كۈچەيتكەن بولۇپ، بۇ يىل (2025) كىرگەندىن بۇيان خىتاي دېڭىز قىرغاق مۇھاپىزەت قىسىملىرىنىڭ تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكى ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى، ھاۋا شارلىرىنى ئۇچۇرۇشى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيگەن.
بۇ ھەرىكەتلەر تەيۋەننى ئۆز قىسىملىرىنى ئەۋەتىپ جاۋاب قايتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ۋە تەيۋەننىڭ كۈچىنى خوراتقان.
پىرېزىدېنت لەي چىڭدې تەيۋەن خەلقىلا ئۆز كەلگۈسىنى بەلگىلىيەلەيدۇ دېگەن بولۇپ، ئۇ مارتتا (2025) خىتاينى «چەت ئەل دۈشمەن كۈچى» دەپ ئاتىغانىدى.
خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا زورلۇق بىلەن كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
Taiwan condemned the drills, stating they threatened regional peace and stability and responded with its own military exercises.