ئىسرائىلىيە، ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن ياكى ئىشىنىلگەن توققۇز دۆلەت ئىچىدە ئورۇن ئالىدۇ ھەمدە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسىگە ھەرگىز قاتناشمىغان تۆت دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەكشۈرگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان گۇمان قىلىنىۋاتقان يادرو قوراللىرى پىروگراممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەدە چوڭ يېڭى بىر قۇرۇلۇشنىڭ خىزمەتلىرى تېزلىگەن.
بۇنىڭ يېڭى بىر رېئاكتور ياكى يادرو قوراللىرى قۇراشتۇرۇلىدىغان بىر ئەسلىھە بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدرۈلمەكتە، ئەمما پىروگراممىنىڭ مەخپىي بولۇشى بۇنى ئېنىق بىلىشنى قىيىنلاشتۇرماقتا.
دىمونا شەھىرىگە يېقىن شىمون پېرېس نېگېۋ يادرو تەتقىقات مەركىزىدىكى خىزمەتلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىردىنبىر يادرو قورالىغا ئىگە دۆلىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كەڭ تارقالغان ئىشەنچنى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.
بۇ ئەھۋال، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكانىڭ، ئىيۇندا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن خەلقئارالىق تەنقىدلەرنىمۇ بىللە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا، تېھراننىڭ ئوران بېيىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئاتوم بومبىسى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەسلىھەلەر ئىچىدە ئىراننىڭ ئاراكتىكى ئېغىر سۇ رېئاكتورىمۇ بار ئىدى. تېھران بولسا يادرو پىروگراممىسىنىڭ پۈتۈنلەي پۇقرالار مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەخپىي بىر ئۆتمۈش
غەربىي قۇددۇسنىڭ تەخمىنەن 90 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى ئەسلىھەدىكى قېزىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى دوكلاتلار 2021-يىلى ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ ۋاقىتتا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، ئەسلىھەنىڭ ئەسلىدىكى ئېغىر سۇ رېئاكتورىغا يېقىن يەردە تەخمىنەن 150 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ۋە 60 مېتىر كەڭلىكتە بىر ئورەكنىڭ كولانغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
5 - ئىيۇل Planet Labs PBC تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرەتلەر، قېزىش ئورنىدا زىچلاشقان قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى ئاشكارىلىدى. سۈرەتلەردە، قېلىن بېتون تىرەك تاملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە رايوننىڭ يەر ئاستىدا كۆپ قەۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى كۆرۈلگەن بولۇپ، كرانلارمۇ رايوندا دىققەت تارتماقتا.
يېڭى سۈرەتلەرنى تەكشۈرگەن يەتتە مۇتەخەسسىس، دىمونادىكى رېئاكتورغا يېقىنلىقى ۋە پۇقرالار ئېنېرگىيە ئىستانسىسىنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن، قۇرۇلۇشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان گۇمان قىلىنىۋاتقان يادرو قوراللىرى پىروگراممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئىككىگە بۆلۈنگەن.
ئۈچى، قۇرۇلۇش رايونىنىڭ ئورنى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ھەمدە كۆپ قەۋەتلىك كۆرۈنۈشى سەۋەبىدىن، خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇمكىن بولغان چۈشەندۈرۈشىنىڭ يېڭى بىر ئېغىر سۇ رېئاكتورىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ خىل رېئاكتورلار، پلوتونىي ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ ئاچقۇچى بولغان باشقا بىر ماددىنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ.
باشقا تۆت مۇتەخەسسىس بولسا، بۇنىڭ بىر ئېغىر سۇ رېئاكتورى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى قوبۇل قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرۇلۇشنىڭ يادرو قوراللىرىنى قۇراشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئەسلىھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما قۇرۇلۇشنىڭ تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇشى سەۋەبىدىن ئېنىق بىر خۇلاسىگە كېلىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جېيمىس مارتىن يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات مەركىزىدىن جېففرىي لېۋىس: «ئەھۋالغا قارىغاندا بىر رېئاكتور... بۇ ھۆكۈم ۋاسىتىلىق، ئەمما بۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ تەبىئىتى شۇنداق» دېدى.
ئۇ يەنە: «باشقا بىر نەرسە بولۇشى ئىنتايىن قىيىن» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى نە جەزملەشتۈرمىدى، نە ئىنكار قىلمىدى. ھۆكۈمەت ئىزاھات بېرىش تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرمىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ئاق سارايمۇ ئىزاھات بېرىش تەلەپلىرىگە جاۋاب بەرمىدى.
ئاشكارا بىر سىر
ھازىر نەق مەيداندا، ئېغىر سۇ رېئاكتورلىرىدا ئادەتتە كۆرۈلىدىغان بىر قوغداش گۈمبىزى ياكى باشقا ئالاھىدىلىكلەر يوق. ئەمما، كېيىنچە بىر قوغداش گۈمبىزى قوشۇلۇشى ياكى بىر رېئاكتور قوغداش گۈمبىزى بولمايلا لايىھەلىنىشىمۇ مۇمكىن.
1960 - يىللاردا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دىمونانىڭ ھازىرقى ئېغىر سۇ رېئاكتورى، ئوخشاش مەزگىلدىكى كۆپىنچە رېئاكتورلاردىن كۆپ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئىشلتىلمەكتە. بۇ ئەھۋال، رېئاكتورنىڭ يېقىندا ئالماشتۇرۇلۇشى ياكى يېڭىلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
لېۋىس: «رېئاكتور يادروسى خېلىلا يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۈتۈلگەن بىر ئەھۋال» دېدى. ئۇ يەنە: «ئورنى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ئومۇمىي قۇرۇلۇشنىڭ كەمچىللىكىگە ئاساسەن بۇنىڭ بىر رېئاكتور بولۇش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى» دېدى.
ماسساچۇسېتس ئىشىتاتىدىكى ئالىملار بىرلىكىدىن ۋە كامبرىجدىكى يادرو مۇتەخەسسىسى ئېدۋىن لىيمانمۇ يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك قوغداش گۈمبىزى بولمىغان ساندۇق شەكىللىك بىر رېئاكتور بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى، ئەمما ئاشكارىلىقنىڭ بولماسلىقى سەۋەبىدىن بۇنىڭدىن ئېنىق باھا بېرىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنىمۇ قوبۇل قىلدى.
لىيمان: «ئىسرائىلىيە، نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەرگە ياكى دەلىللەشلەرگە ئاچمايدۇ، بۇمۇ جامائەتنى پەرەز قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ» دېدى.
دىموناغا مۇناسىۋەتلىك تەپسىلاتلار ئىسرائىلىيەدە قاتتىق مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، 1980-يىللاردا بىر پاش قىلغۇچى، ئەسلىھەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ۋە سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلىۋەتكەن ئىدى. بۇ ئۇچۇرلار، مۇتەخەسسىسلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئونلىغان يادرو ئوق بېشى ئىشلەپچىقارغانلىقى توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىشقا يۈزلەندۈرگەن ئىدى.
ۋاشىنگتوندىكى قورال-ياراغ كونترول قىلىش جەمئىيىتىنىڭ باش دىرېكتورى دارىل گ. كىمبال: «ئەگەر بۇ بىر ئېغىر سۇ رېئاكتورى بولسا، ئۇلار ئىشلىتىلگەن يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئۇلار بۇ يېقىلغۇنى تېخىمۇ كۆپ يادرو قوراللىرى ئۈچۈن پلوتونىي ئايرىشقا ئىشلىتەلەيدۇ» دېدى ۋە: «ياكى ئۇلار ئوق-دورا ئامبىرىنى قوغداش ياكى قوشۇمچە ئوق بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن بىر ئەسلىھە قۇرۇۋاتىدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.
يادرو ئېنىقسىزلىقى سىياسىتى
ئىسرائىلىيەنىڭ پىروگراممىسىنىڭ ئېغىر سۇ رېئاكتورىنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىدىغانلىقى چۈشۈنۈلمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭمۇ ھىندىستان ۋە پاكىستانغا ئوخشاش يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئېغىر سۇ رېئاكتورىغا تايىنىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
بۇ رېئاكتورلار ئىلمىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، ئەمما ئاتوم بومبىسىدىكى يادرو زەنجىرسىمان رېئاكسىيەسىنى باشلايدىغان پلوتونىي، بۇ جەرياننىڭ بىر قوشۇمچە مەھسۇلاتىدۇر. ترىتىيمۇ يەنە بىر قوشۇمچە مەھسۇلات بولۇپ، ئوق باشلىرىنىڭ پارتلاش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.
ئىسرائىلىيە پىروگراممىسىنىڭ مەخپىي بولۇشىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئۇنىڭ قولىدا قانچىلىك يادرو قورالى بارلىقىنى مۆلچەرلەش ھازىرمۇ قىيىن. «ئاتوم ئالىملىرى ژۇرنىلى» نىڭ 2022-يىللىق سانىدا بۇ سان تەخمىنەن 90 ئوق بېشى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
لىيمان، دىمونادىكى قۇرۇلۇشنىڭ سەۋەبىنىڭ چىرىۋاتقان ماتېرىيالنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كۆپ ترىتىي ئېلىش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ ھەر يىلى 5 پىرسەنت بۇزۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لىيمان: «ئەگەر ئۇلار يېڭى بىر ئىشلەپچىقىرىش رېئاكتورى قۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئىگە بولغان پلوتونىي مىقدارىنى كېڭەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەمما ئۇلار ترىتىي ئىشلەپچىقىرىشنى خالايدۇ» دېدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ چۆلدە يادرو ئەسلىھەسى قۇرۇشقا 1950-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئۇنىڭدىن باشقا، يادرو ئېنىقسىزلىقى سىياسىتىنىڭ دۈشمەنلىرىنى چۆچۈتۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىلمەكتە.
ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن ياكى ئىشىنىلگەن توققۇز دۆلەت ئىچىدە ئورۇن ئالغان ئىسرائىلىيە، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنى توختىتىشنى مەقسەت قىلغان تارىخىي خەلقئارالىق كېلىشىم بولغان يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرتنامىسىگە ھەرگىز قاتناشمىغان تۆت دۆلەتنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئەھۋال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو نازارەتچىسى بولغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) نىڭ دىمونادا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
ۋېنادىكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA)، قۇرۇلۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋابەن، ئىسرائىلىيەنىڭ سورېك تەتقىقات رېئاكتورىدىن باشقا «دۆلەتتىكى باشقا يادرو ئەسلىھەلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە مەجبۇر ئەمەسلىكى» نى تەكرارلىدى.