پ ك ك نىڭ يىمىرىلىشى: نەچچە ئون يىللىق قانلىق ئۆتمۈشتىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى نېمىشقا يىمىرىلدى؟
پ ك ك نىڭ يىمىرىلىشى: نەچچە ئون يىللىق قانلىق ئۆتمۈشتىن كېيىن تېررورلۇق تەشكىلاتى نېمىشقا يىمىرىلدى؟
تۈركىيە ئۇچقۇلاردىن تارتىپ دىپلوماتىيەگىچە بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق پ ك ك نىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان تېررورلۇققا خاتىمە بەردى.
14 мај 2025

تۈركىيە ئۇچقۇلاردىن تارتىپ دىپلوماتىيەگىچە بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىستراتېگىيەسى ئارقىلىق پ ك ك نىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان تېررورلۇققا خاتىمە بەردى — بۇ پەقەت كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى تېررورلۇقنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان شارائىتلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىقمۇ ئەمەلگە ئاشتى.

تەخمىنەن قىرىق يىل داۋاملاشقان قان تۆكۈش ۋە زوراۋانلىقتىن كېيىن، تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن پ ك ك رەسمىي ھالدا تەشكىلاتىنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ۋە قورال تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ئۇقتۇرۇش ھازىرقى زامان تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق بىر سەھىپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بەردى. بۇ دەۋر ئون مىڭلىغان ئىنساننىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، ۋەيران بولغان مەھەللىلەر ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشقان دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەھدىتى بىلەن تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالدى.

لېكىن بۇ قارار تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالمىدى. بۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىدىن باشقا، بىر مىللەت سۈپىتىدە باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگىرىشلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۇزۇن ھەم مۇرەككەپ بىر مۇساپىنىڭ نەتىجىسىدۇر. يېڭىچە ھەربىي تەلىمات، ئەڭ يېڭى تېخنىكىلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرى، ئۈنۈملۈك ئىستىخبارات ھەمكارلىقى، قەتئىي دىپلوماتىيە ۋە ئارقىدا قالغان رايونلارغا سېلىنغان نىشانلىق مەبلەغلەر بۇ مۇساپىدە مۇھىم رول ئوينىدى.

TRT Global - A historic blow to terror: PKK declares dissolution and disarmament

Türkiye’s fight for a ‘terror-free future’ has entered a critical stage — as political consensus and national unity strengthen the internal front under the guidance of President Erdogan and MHP leader Bahceli, says AK Party spokesman Omer Celik.

🔗

قەتئىي ھەربىي بېسىم ۋە زامانىۋى تاكتىكىلار

تۈركىيەنىڭ پ ك ك غا قارشى غەلىبىسىدە ھەربىي ساھەدە ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھالقىلىق رول ئوينىدى. ئۆتمۈشتە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ئاساسەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قىسىملىرىغا ۋە مۇقىم ئىستراتېگىيەلەرگە تايىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كۈرەش مۇرەككەپ يەر شەكىللىرىدە ۋە چەكلىك تېخنىكىلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى. ئەمما 2010-يىللاردا بۇ ئەھۋال ئۆزگىرىشكە باشلىدى؛ تۈركىيە ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك قايتا قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى. يەرلىك مۇداپىئە سانائىتىنىڭ گۈللىنىشى تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوق-دورىلىرىنى، كۆزىتىش سىستېمىلىرىنى ۋە بىخەتەر ئالاقە تېخنىكىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى.

2020-يىللارنىڭ بېشىغا كەلگەندە، «ئانقا»، «بايراقتار TB2» ۋە كېيىنچە تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان نۇسخىسى بولغان «ئاقىنجى» قاتارلىق تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تۈركىيە ئىچى ۋە ئىراقنىڭ چېگرا ھالقىغان تاغلىق رايونلىرىدا پ ك ك نىشانلىرىنى بايقاش ۋە يوقىتىشتا ئىزچىل ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. شەرقىي جەنۇبتىكى تاغلىق رايونلاردا قۇرۇلغان دائىمىي ھەربىي بازىلار  بىلەن كۆزىتىش ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈلۈپ، پ ك ك نىڭ ئەنئەنىۋى كونتروللۇقىدىكى رايونلار بارغانسېرى ئۇنىڭ قولى يەتمەيدىغان ھالغا كەلدى. بىر چاغلاردا ھەرىكەتچانلىقى ۋە مەخپىيلىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولغان بۇ تەشكىلات ئەمدىلىكتە ئاشكارا، ئاجىز ۋە كۈنسېرى يالغۇزلىشىشقا يۈزلەندى.

ئەمما پەقەت قورال كۈچىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT)نىڭ پەردە ئارقىسىدا دۆلەتنىڭ ئىستىخبارات ئۇرۇشىنى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى جىمجىت شەكىلدە ئىنقىلاب ياراتتى. ئىستىخبارات بىلەن ھەربىي قىسىملار ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرىي ھەمكارلىق ئارقىلىق، پ ك ك نىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە ماددىي تەمىنات تورلىرى نىشانلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ۋەيران قىلىندى. يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەر سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلدى ياكى قولغا ئېلىندى. پ ك ك نىڭ ئاتالمىش «بىخەتەر رايونلىرى»غا ھۇجۇم قىلىنىپ، ئەجەللىك زەربىلەر بېرىلدى. بىر مەزگىل تالاش-تارتىش قوزغىغان چېگرا ھالقىغان ھەرىكەتلەر قەرەللىك ۋە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بىر تاكتىكىغا ئايلاندى.

خەلقئارا سەھنىلەردە تاشلانغان ئىستراتېگىيەلىك قەدەملەر

بۇ جەرياندا تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى دىپلوماتىيە ساھەسىگىمۇ كېڭەيتتى. بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى خەلقئارالىق شېرىكلىرىگە قاراتقان ئۇزۇن يىللىق قەتئىي بېسىملىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى.

پ ك ك نىڭ چەت ئەل پايتەختلىرىدە ئەركىن-ئازادە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، پۇل يۇيۇش ۋە ھەر خىل سىياسىي نىقابلار ئاستىدا مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاجىزلىدى. تۈركىيەنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان سىياسىي- جۇغراپىيەلىك تەسىرى دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ ئەنقەرەنىڭ خەۋپسىزلىك ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئەستايىدىل ئويلىشىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق، ئەنقەرە پ ك ك نىڭ چەت ئەللەردىكى قوللاش تورلىرىنى ئاستا-ئاستا ئاجىزلاشتۇردى.

شەرقىي جەنۇبقا ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش

ئەمما بۇ مۇساپىنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكەن ئامىل ھۆكۈمەتنىڭ، پ ك ك ئۇزۇن يىللار «مەنپەئەتىنى قوغدايمەن» دەپ دەۋا قىلغان رايونغا سالغان ئىستراتېگىيەلىك مەبلىغى بولدى. 2010- ۋە 2020-يىللاردا تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات دولقۇنىنى باشتىن كەچۈردى. ۋەيران بولغان يوللار ئورنىنى زامانىۋى تاشيوللارغا بوشىتىپ بەردى.

چەت يېزا-قىشلاقلار سەھىيە ۋە مائارىپ مۇلازىمىتىگە ئېرىشتى. يەرلىك سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن رىغبەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرى قوللىنىلدى. يېڭى ئۇنىۋېرسىتېتلار قۇرۇلدى. ئىلگىرىكى ئەۋلادلارغا ئوخشاش ئىسياندىن باشقا كېلەچەك كۆرەلمەيدىغان ياشلار ئەمدىلىكتە يېڭى ئىستىقباللارغا يۈزلەندى. شەھەرلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش پىلانلىرى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەركىنلىكىنىڭ كېڭىيىشى دىيارباكىر، ماردىن ۋە شىرناق قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون خەلقى — بولۇپمۇ ياش ئەۋلاد — زوراۋانلىق ئىدىيەسىدىن يىراقلىشىشقا باشلىدى. تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، كۆپىيىۋاتقان ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر ۋە پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كېڭىيىۋاتقان دەرىجىدە قاتنىشىشى سايىسىدا، پ ك ك نىڭ چاقىرىقلىرى بارغانسېرى قۇرۇق ۋە تەسىرسىز تۇيۇلۇشقا باشلىدى.

بىر ۋاقىتلار ھەق-ھوقۇق ۋە ئېتىراپ قىلىنىش كۈرىشى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئىدىيەلەر ئەمدىلىكتە نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەرەققىيات ۋە تىنچلىقنىڭ ئالدىدىكى بىر توسالغۇ دەپ قارىلىدىغان بولدى. تەشكىلاتنىڭ زوراۋانلىق ئۇسۇللىرى زامانىۋى ۋە دېموكراتىك بىر تۈركىيەنىڭ بىر قىسمى بولۇشنى خالايدىغان يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرى بىلەن سىغىشالمايدىغان ھالغا كەلدى.

بۇ ئۆزگىرىۋاتقان ۋەزىيەتتە، پ ك ك نىڭ ھەم ھەربىي، ھەم سىياسىي جەھەتتىن كۈچىيىش تىرىشچانلىقى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئۇنىڭ سىياسىي ۋەكىللىرى زوراۋانلىق بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئاقلاشتا قىينىلىپ، ئىشەنچلىكلىكىنى يوقىتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ قوراللىق قانىتى پارچىلىنىشقا يۈزلەندى؛ رەھبىرىي قاتلامدىكىلەر تەشكىلاتتىن ئايرىلدى، قوراللىق ئەزالار تەسلىم بولدى ۋە يەرلىك خەلق ئىچىدىكى قوللاش مايىللىقى ئاساسەن يوقالدى.

TRT Global - Türkiye's UAV fighter Kizilelma completes manoeuvre test

The company highlighted that insights gained from earlier prototypes have led to significant improvements in Kizilelma’s production model, including structural enhancements and upgrades to its avionics architecture.

🔗

ئوتتۇرا شەرق ئۆزگەردى — پ ك ك نىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىمۇ تۆۋەنلىدى

رايونلۇق كۈچ تەڭپۇڭلۇقىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. سۈرىيەدىكى كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلارنىڭ پەسكۇيغا چۈشۈشى ۋە ئىراقتىكى ئاستا ئەمما مۇقىم ئەسلىگە كېلىش قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ھەرىكەت بوشلۇقىنى تارايتتى. تۈركىيەنىڭ ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە شىمالىي ئىراقتىكى كۇرد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلىرى تاغلىق رايونلاردىكى پ ك ك لاگېرلىرىغا قارشى ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىشقا زېمىن ھازىرلىدى. بىر ۋاقىتلار بىخەتەر ماكان دەپ قارالغان بۇ جايلار پ ك ك ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك رايونلارغا ئايلاندى. كونترول قىلالايدىغان بىر پارچە زېمىنى، پاناھلىنالايدىغان ئارقا تىرىكى ۋە يېڭى ئەزا قوبۇل قىلىدىغان مەنبەسى قالمىغان تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئىلگىرىكى ھالىتىنىڭ سايىسىگىلا ئايلىنىپ قالدى.

2025-يىلىغا كەلگەندە، پ ك ك بىر ۋاقىتلار تۈركىيەگە زور تەھدىت سالغان تەشكىلات بولۇشتىن قالغانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەسىرى ئاجىزلىغان، چۈشكۈنلەشكەنىدى، زامانغا ماسلاشمىغان ئىدېئولوگىيەسىگە چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، تەسىر كۈچىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدى. تەشكىلاتنىڭ تارقىتىۋېتىلىش قارارى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، نۇرغۇن جەھەتتىن بىر مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلىش — بىر ۋاقىتلار ئېلىپ بارغان كۈرىشىنىڭ بۈگۈنكى تۈركىيەدە ئورنى قالمىغانلىقىنى بويۇن تولغاپ تۇرۇپ بولسىمۇ ئېتىراپ قىلىش ئىدى.

يىللار داۋامىدا قولغا كەلگەن ئىستراتېگىيەلىك غەلىبە

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئۆزگىرىشكە ئېھتىياتچان، ئەمما قەتئىي مۇئامىلە قىلدى. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بۇ نەتىجىنى مىللەت ئۈچۈن بىر غەلىبە دەپ باھالاش بىلەن بىرگە، سەگەك تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېقىنقى نۇتقىدا بۇ ۋەقەنى تۈركىيەنىڭ بىرلىكى ۋە ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسى دەپ تەسۋىرلىدى:

«بۇ پەقەت ھەربىي غەلىبە ئەمەس، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ قورقماي، ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن بىللە ياشاش ئىرادىسىنىڭ غەلىبىسىدۇر.»

ھەقىقەتەنمۇ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يوقىلىشى پەقەت بىر تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھېكايىسى بولۇپلا قالماي، بۇ يەنە بىر ئۆزگىرىش ھېكايىسىدۇر.

ئىستراتېگىيەلىك قەتئىيلىك، تېخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي سىغدۇرۇشچانلىق سايىسىدا تۈركىيە تارىخىنىڭ قانلىق بىر بېتىنى يېپىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولدى.

بۇ تىنچلىقنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇش-بولماسلىقى پەقەتلا خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىگىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق پۇقرالارنىڭ ئۆزىنى تەۋە ھېس قىلىدىغان بىر دۆلەت قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرالايدىغان-داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىغا باغلىق.

لېكىن ھازىرچە بىر نەرسە ئېنىق: بىر ۋاقىتلار مۇمكىنسىزدەك كۆرۈنگەن ئىش ئەمەلگە ئاشتى. پ ك ك تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى. ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە، نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان تېررورىزم سەۋەبىدىن يارىلانغان بىر مىللەت جاراھەتلىرىگە مەلھەم تېپىشقا باشلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us