ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغانلىقىنىڭ 80 – يىللىقى مەزگىلىدە، ياپونىيە رەھبەرلىرى يادروسىز دۇنيا بەرپا قىلىش چاقىرىقلىرىنى تەكرارلىدى.
ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىشىبا شىگېرۇ NHK تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك يادرو قورالسىزلىنىش ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاتوم بومبىسى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىردىنبىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىشىبا چارشەنبە كۈنى خىروشىما تىنچلىق خاتىرە باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:
«خىروشىما تىنچلىق خاتىرە مۇزېيىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، بۇ تاقەت قىلغىلى بولمايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىشىگە يول قويماي، ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدىكى ئىرادەمنى يېڭىلىدىم.»
ئىشىبا كېيىنچە X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغىنىغا سەكسەن يىل بولدى. بۇ شەھەرنى بىر دەمدىلا كۆيۈپ كەتكەن خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىمەن.»
خىروشىما شەھەر باشلىقى كازۇمى ماتسۇي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە «دۇنيا مىقياسىدا ھەربىي كۈچ توپلاش يۈزلىنىشىنىڭ تېزلىشىۋاتقانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئۆزگىرىشلەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تارىختىكى تىراگېدىيەلەردىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ.»
مۇراسىم 1945 - يىلى 6 - ئاۋغۇست كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان ۋاقىتتا، يەنى ئەتىگەن سائەت 8:15 دە (سەيشەنبە كۈنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 23:15) باشلاندى.
ھايات قالغانلارنىڭ سانى كۈنسېرى ئازايماقتا
پارتلاش شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ۋە شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 140 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىدى. كېيىنكى ئون يىللاردا مىڭلىغان كىشى رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن چىدىغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتتى.
6-ئاۋغۇست كۈنى تاشلانغان «Little Boy <كىچىك بالا>» ناملىق ئاتوم بومبىسى تاشلىنىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 9 – ئاۋغۇست كۈنى ناگاساكىغا تاشلانغان يەنە بىر ئاتوم بومبىسى 74 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. ياپونىيە ئىمپېرىيەسى 15-ئاۋغۇست كۈنى تەسلىم بولدى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. بۈگۈنكى كۈندە خىروشىما 1 مىليون 200 مىڭ نوپۇسى بىلەن گۈللەنگەن چوڭ شەھەر بولسىمۇ، بۇ ھۇجۇملار نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ كەلمەكتە.
مۇراسىم ھارپىسىدا تەخمىنەن 55 مىڭ كىشى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا قازا قىلغانلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇردى.
خىروشىما شەھەر باشلىقى ماتسۇي كازۇمى خاتىرە مۇنارىغا قازا قىلغانلارنىڭ يېڭىلانغان تىزىملىكىنى ئورۇنلاشتۇردى. ھازىر بۇ تىزىملىكتە 349 مىڭ 246 كىشىنىڭ ئىسمى بار.
مەزكۇر ھۇجۇمدا يېقىن – يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر تاڭ سەھەردە دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەيداننى تولدۇردى. چاقلىق ئورۇندۇقتا نەۋرىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كەلگەن 96 ياشلىق يوشى يوكوياما مۇخبىرلارغا ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋا-مومىلىرىنىڭ ئاتوم بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
يوكوياما مۇنداق دېدى:
«بومباردىماندىن كېيىنلا بوۋام قازا قىلدى، دادام ۋە ئاپام بولسا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. قېيىنئانام ۋە قېيىنئاتاممۇ قازا قىلدى، شۇڭلاشقا ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن يولدىشىم ئۇلارنى قايتا كۆرەلمىدى. ئىنسانلار ھېلىھەم ئازاب-ئوقۇبەت تارتماقتا.»
چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا، تۇنجى قېتىم تەيۋەنلىك ۋە پەلەستىنلىك ۋەكىللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 120 دۆلەت ۋە رايوندىن كىشىلەر قاتناشتى. مۇراسىمغا بومباردىمان ئۈچۈن ھېچقاچان رەسمىي كەچۈرۈم سورىمىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ۋاكالىتەن ئامېرىكانىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قاتناشتى. رۇسىيە ۋە خىتاي بولسا مۇراسىمغا قاتناشمىدى.
كازۇمى تىنچلىق خىتابنامىسىدە دۇنيا رەھبەرلىرىنى خىروشىمانى زىيارەت قىلىشقا ۋە يادرو قوراللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشكە چاقىردى. ئۇ، دىيالوگ ۋە ئىشەنچنى ئاساس قىلغان يېڭى خەلقئارا خەۋپسىزلىك رامكىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
خىروشىما ۋە ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوم بومبىسىدىن ھايات قالغانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئازايدى، ھايات قالغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 86 تىن ئاشقان بىر پەيتتە، دائىرىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بۇ گۇۋاھلىقلارنى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قوغداشنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.