خىروشىما ۋە ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 80 – يىللىقى مەزگىلىدە ھايات قالغانلارنىڭ ھېكايىلىرى ۋە بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان يادرو جىددىيچىلىكى بىردىنبىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلىماقتا: يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي يوقاتقاندىلا ئاندىن بۇ تەھدىتكە خاتىمە بەرگىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرى، يەنى 1945 - يىلى 6 - ئاۋغۇست كۈنى تاڭ سەھەردە، شىمالىي مارىئانا ئاراللىرىدىكى تىنىياندىن قوزغالغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «B-29» تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى يېڭى تىپتىكى ئاتوم بومبىسىنى سائەت 8 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە خىروشىما ئاسمىنىدا پارتلاتتى. ئاتوم بومبىسى شەھەرنىڭ تەخمىنەن 600 مېتىر ئېگىزلىكىدە پارتلىدى.
پارتلاشنىڭ دەسلەپكى سېكۇنتلىرىدا شەكىللەنگەن دىئامېتىرى 300 مېتىرلىق ئوت شارى ئالدىغا ئۇچرىغان ھەممە نەرسىنى يۇتۇشقا باشلىدى. ئوت شارى پەيدا قىلغان كۆيدۈرگۈچى ئىسسىقلىق يەر يۈزىدە 3800 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ، بارلىق جانلىق توقۇلمىلارنى پارغا ئايلاندۇرۇۋەتتى.
پارتلاشنىڭ شىددەتلىك زەربە دولقۇنى ھەر تەرەپتىكى بىنالارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى، ئوت شارى كۆيدۈرگەن گازلار پەيدا قىلغان غايەت زور ۋاكۇئۇمنى توپا - چاڭ ۋە خارابىلىكلەر تولدۇردى. ئىنچىكە، ئۇزۇن يەر مەدىكى شەكىللىك بۇلۇتلار ئەمدى تۈپتۈز بولۇپ قالغان خىروشىما ئاسمىنىدا كۆتۈرۈلدى.
ئۇرۇش تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن بۇ يادرو قورالى، دەسلەپكى مىنۇتلاردىلا 80 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. كېيىنكى ئايلاردا يەنە يۈز مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ناگاساكىغا قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولسا يەنە 100 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. قازا قىلغانلارنىڭ كەم دېگەندە 38 مىڭى بوۋاقلار ۋە بالىلار ئىدى.
ھايات قالغان بىر كىشىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى
بىراق، يەر مەدىكى شەكىللىك بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا ھەممە ئادەم ئۆلمىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىروشىمانى بومباردىمان قىلغاندا 13 ياشقا كىرگەن سېتسۇكو تۇرلوۋغا ئوخشاش ھايات قالغانلار، يادرو قوراللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قايتا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئون نەچچە يىل سەرپ قىلدى. 2017 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نۇتقىدا سېتسۇكو بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
«مەن سىرتقا ئۆمىلەپ چىققاندا، خارابىلىكلەر ئوت ئىچىدە قالغانىدى. ئۇ بىنا ئىچىدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى تىرىكلا كۆيۈپ ئۆلدى. ئەتراپىمدا پۈتۈنلەي، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر ۋەيرانچىلىقنى كۆردۈم.
كۆز ئالدىمدىن ئەرۋاھقا ئوخشاش كۆرۈنۈشلەر ئۆتۈۋاتاتتى. قورقۇنچلۇق شەكىلدە يارىلانغان كىشىلەر قانغا مىلەنگەن، كۆيگەن، قاپقارا بولۇپ كەتكەن ۋە ئىششىپ كەتكەنىدى. ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ بەزى قىسىملىرى كەم ئىدى. گۆش ۋە تېرىلىرى سۆڭەكلىرىدىن ساڭگىلاپ تۇراتتى. بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرى ئالىقىنىدا ساڭگىلاپ قالغانىدى. بەزىلىرىنىڭ قورساقلىرى يېرىلىپ، ئۈچەيلىرى تېشىغا چىقىپ قالغانىدى.
كۆيگەن ئىنسان گۆشىنىڭ يىرگىنچلىك پۇرىقى ھاۋانى قاپلاپ كەتكەنىدى. مېنىڭ سۆيۈملۈك شەھىرىم بىرلا بومبا بىلەن مانا مۇشۇنداق ۋەيران قىلىندى.»
ھايات قالغانلار ئۈچۈن ئازابلىق بولسىمۇ، يادرو قوراللىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىققا ئائىت بايانلار، بۇ قوراللارنىڭ كەڭ كۆلەملىك زىيان سېلىش مەقسىتىدە لايىھەلەنگەنلىكىنىڭ روشەن ئىسپاتىدۇر. بۇ، پۈتۈن بىر شەھەرنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قوراللاردۇر.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا تاشلىغان بومبىلىرى، بۈگۈنكى يادرو قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرىدىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى كىچىك ھېسابلىنىدۇ. Nuclear Ban Monitor نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2025 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىشلىتىشكە تەييار 9604 دانە يادرو ئوق بېشىنىڭ ئومۇمىي پارتلاش كۈچى، 146 مىڭ 500 دىن ئارتۇق خىروشىما بومبىسىغا تەڭ كېلىدۇ.
ھەر بىرى بىر شەھەرنى بىر سېكۇنت ئىچىدىلا يوق قىلىۋېتەلەيدىغان، ئوت ئىچىدە ئون مىڭلىغان ئىنساننى ئۆلتۈرۈۋېتەلەيدىغان بۇ قوراللار، دۇنيا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ياشايدىغان 11 مىڭدىن ئارتۇق شەھەرنى يوقىتىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى ھۇجۇملىرى (بۇ ھۇجۇملاردىن بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى يېڭى مېكسىكادا تۇنجى يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلغانىدى)، يادرو قوراللىرىنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان ۋەيران قىلغۇچ زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماي تۇرۇپ ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى، بۇ قوراللارنىڭ ئاممىۋى ۋىجداننىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئۇدا 80 يىلدىن بۇيان يادرو قوراللىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق تەھدىتى ئاستىدا ياشىغانلىقىمىز يېتەرلىك بولۇپ، ئۇلارنى يوقىتىش باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيەتتۇر.
ئۇكرائىنا، ئوتتۇرا شەرق، ھىندىستان-پاكىستان ۋە كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى يادرو جىددىيچىلىكى سەۋەبىدىن، يادرو قوراللىرىنىڭ تاسادىپىي ياكى قەستەن قايتا ئىشلىتىلىش تەھدىتى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى، بەلكىم تېخىمۇ ئېغىردۇر.
خىروشىما ئاتوم بومبىسىدىن كېيىنلا خارابىلىككە ئايلاندى؛ ئون مىڭلىغان كىشى ئاتوم بومبىسى تاشلانغان ھامان ھاياتىدىن ئايرىلدى، شەھەر كۈلگە ئايلاندى. (AP)
خىروشىما ۋە ناگاساكى ۋەقەسىدىن كېيىن ھايات قالغان «ھىباكۇشا» لار ئۇدا ئون نەچچە يىلدىن بۇيان يادرو قوراللىرىنىڭ چەكلىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلماقتا. بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى بىلەن، نىھون ھىدانكيو (ياپونىيە ئاتوم ۋە ھىدروگېن بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار تەشكىلاتلىرى بىرلەشمىسى) ئۆتكەن يىلى دېكابىردا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ھەرىكەتكە ئۆتۈشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى
«ھىباكۇشا» لارنىڭ ھاياتىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋەقەلەرنىڭ 80 – يىللىقى نوبېل مۇكاپاتىنى تەبرىكلىگەن يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە «ھىباكۇشا» لارنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشنىڭ دەل ۋاقتىدۇر. دەرۋەقە، بۇ دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەدھىنامىسى (TPNW) غا داخىل بولۇشى ۋە قورالسىزلىنىشى كېرەك.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەدھىنامىسى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ بۇ ئەھدىنامىنى ئىمزالىشى ۋە ئۇلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كۈنسېرى كۈچىيىپ بارماقتا.
بۇ دۆلەتلەر يادرو قوراللىرىنى توسۇش تەلىماتىنىڭ خام خىيالىنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەتلەر، سايلانغان ۋەكىللەر، خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، پۇل-مۇئامىلە ساھەسى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلقلەر، ئاياللار ۋە بالىلار قاتارلىق بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار بىلەن ھەمنەپەستە رېئال قورالسىزلىنىش پىلانىنى يولغا قويماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەدھىنامىسى خەلقئارا قانۇن رامكىسى ئىچىدە ئادىل ۋە ئىسپاتلىغىلى بولىدىغان يولدۇر. دەرۋەقە بۇ يول يادرو تەھدىتىنى يوقىتىشنىڭ روشەن چارىسىدۇر.
يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرگە چېتىشلىق بولغان گېئوسىياسىي جىددىيچىلىكلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، بۇ نىشانىمىزنى كىچىكلىتىدىغان ۋاقىت ئەمەس. يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك خىتابنامىلىرى ياكى قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش كېلىشىملىرىنى يېڭىلاش قاتارلىق تەكلىپلەر بۇ قوراللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن كېلىپ چىققان يادرو تەھدىتىنى يوقىتالمايدۇ.
ئارىدىن 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو قوراللىرىنىڭ توقۇنۇشتا ئىشلىتىلىش خەۋپى دىققىتىمىزنى يادرو قوراللىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا ۋە يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەرنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى چەكلەش ئەدھىنامىسىغا داخىل بولۇشقا مەجبۇرلاشنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ئىنسانىيەت ئەمدى يەنە بىر يادرو بومبىسىنىڭ پارتلىشىغا ياكى يەنە بىر يەر مەدىكى شەكىللىك بۇلۇتلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.