ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي ئاسىيادىكى يادرو قوراللىرىغا ئىگە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۆزىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنى ئۇرۇش ئورنىغا سودىغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.
ترامپ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنىيان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى:
«مەن پاكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مەسىلىنى سودا ئارقىلىق ھەل قىلدىم. مېنىڭچە بۇ باشقا ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ بەكرەك سودا ئارقىلىق بولدى. مەن بۇ ئىشقا مۇشۇنداق ئارىلىشىپ قالدىم.»
بۇ باشلىقلار يىغىنى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئىككى رەھبەر ترامپنىڭ مۇرەسسەچىلىكىنىڭ ئۇنىڭغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ترامپ ماي ئېيىدا ھىندىستان ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«ئويلاپ بېقىڭلار، مەن بەلكىم پۈتۈن دۇنيانى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى خالىمايمەن. بۇلار يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەردۇر.»
ترامپ پاكىستان-ھىندىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ «چوڭ ئىش» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئاسانلا يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ناھايىتى چوڭ ئىش ئىدى. مېنىڭچە سىلەرمۇ بۇ روشەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىسىلەر. ئۇلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى، ئايروپىلانلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋاتاتتى. يېقىنقى توقۇنۇشتا بەش ياكى ئالتە ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، ۋەزىيەت بۇنىڭدىنمۇ بەك ناچارلىشىپ كەتكەن بولاتتى.»
يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى قوشنا دۆلەت، ترامپ ئېلان قىلغان ماي ئېيىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئارقىلىق چېگرا ۋە تالاش-تارتىشلىق كەشمىر رايونىدا ئۇدا تۆت كۈن داۋاملاشقان، يۈزلىگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىشلىتىلگەن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 60 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا خاتىمە بەردى.
پاكىستان تەخمىنەن 30 پاكىستان ۋە 70 ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشقان بىر جەڭدە كەم دېگەندە بەش ھىندىستان ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇلاردىن ئۈچىنىڭ «رافالې (Rafale)» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دەسلەپتە ھىندىستان ھېچبىر ئايروپىلانىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن دائىرىلەر پاكىستاننىڭ نامەلۇم ساندىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.
مودى ترامپنىڭ رولىنى رەت قىلماقتا
ترامپ سودا كوزىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئارىلىشىشىدىن كېيىن تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالغان، ھىندىستان ترامپنىڭ رولىنى رەت قىلغان، پاكىستان بولسا ئامېرىكا رەھبىرىنى ماختاپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنىدى.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پارلامېنتتا ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشتا رولى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ھېچقانداق دۇنيا رەھبىرى بىزدىن ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلمىدى.»
ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى مۇنداق دېدى:
«ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بېسىم سەۋەبىدىن توختىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالار پۈتۈنلەي يالغان ۋە ئاساسسىزدۇر.»
ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى ھىندىستان-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى 30 قېتىمدىن ئارتۇق ئىلگىرى سۈردى. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو: «بىز بۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە ئارىلاشتۇق، پىرېزىدېنت ترامپ بۇ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى» دېيىش ئارقىلىق ترامپنىڭ رولىنى تەكرارلىدى. رۇبىيو EWTN تېلېۋىزىيە قانىلىدا ترامپنى «تىنچلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ كامبودژا-تايلاند، ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى-رىۋاندا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن باشقا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
