تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە قۇرۇش مۇساپىسىدە ھېچقانداق سودىلىشىش ياكى مۇرەسسەگە ئورۇن يوق
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە ۋە رايون نىشانىغا يەتكەندە، دۆلەت ئۈچۈن يىپيېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە قۇرۇش مۇساپىسىدە ھېچقانداق سودىلىشىش ياكى مۇرەسسەگە ئورۇن يوق
ئەردوغان: 86 مىليون پۇقرانىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە قېرىنداشلىق مۇھىتىدا ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق قەدەملەر بېسىلماقتا / AA
August 7, 2025

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شېھىت ۋە غازى ئائىلىلىرىگە يوللىغان مەكتۇبىدا، تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە قۇرۇش مۇساپىسىدە ھېچقانداق سودىلىشىش، مۇزاكىرە، مۇرەسسە قىلىش، مەخپىي ۋە پەسكەش ئۇرۇنۇشلارغا يول قويۇلمىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ۋەتەن تۇپرىقىنىڭ ھەر بىر غېرىچىنىڭ شېھىت ۋە غازىلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى تىنچلىقى، ئەمىنلىكى ۋە غۇرۇرىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ جان پىدالىقىنىڭ مېۋىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ مىراسنى قوغداشنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان مەكتۇبىدا: «بىر ئىشتا خاتىرجەم بولۇشۇڭلارنى ئالاھىدە سورايمەن ۋە ئۆتۈنىمەن: بۇ مۇساپىدە ھەرگىزمۇ سودىلىشىشقا، مۇزاكىرىگە، مۇرەسسەگە، مەخپىي ۋە رەزىل ئۇرۇنۇشلارغا يول قويۇلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. شېھىتلىرىمىزنىڭ ئەزىز روھىنى بىئارام قىلىدىغان، شېھىت ئائىلىلىرىنى ۋە غازىلىرىمىزنى رەنجىتىدىغان ھېچقانداق قەدەم بېسىلمىدى ۋە بېسىلمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە ۋە رايون نىشانىغا يەتكەندە، تۈركىيە ئۈچۈن يىپيېڭى بىر سەھىپىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «مىڭ يىللىق قېرىنداشلىقىمىز يىپيېڭى بىر پەللىگە ئۆرلەيدۇ، ئارىمىزغا تېرىلغان نىفاق ئۇرۇقلىرى مەڭگۈگە يۇلۇپ تاشلىنىدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە نىشانى توغرىسىدا بارلىق پۇقرالارغا مەكتۇپ يوللاپ، مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىق ئېڭى بىلەن، «بۈيۈك ۋە قۇدرەتلىك تۈركىيە» ئۈچۈن جان-دىل بىلەن خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ قانلىق زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلاشقا ئەھدى قىلدۇق

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاخىرقى 23 يىلدا سېلىنغان مەبلەغلەر، يولغا قويۇلغان تۈرلەر، ئىسلاھاتلار، خىزمەتلەر ۋە تۈزەش خاراكتېرلىك تەڭشەشلەر ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ھەم ئۆز رايونىدا، ھەم پۈتۈن دۇنيادا ئىناۋەتلىك بىر ئورۇنغا ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئالدىغا چىقىرىلغان بارلىق توسالغۇلارغا قارىماي، مىللەت بىلەن قولمۇقول تۇتۇشۇپ دېموكراتىيەنى كۈچەيتكەنلىكلىرىنى، ھەق-ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ يولىنى ئاچقانلىقلىرىنى ۋە مىللىي ئىرادىنى دۆلەتنىڭ بارلىق ئاپپاراتلىرىدا ھۆكۈمران قىلغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

تېررورلۇقنىڭ ھەر تۈرىگە قارشى مۇرەسسەسىز كۈرەش قىلىش بىلەن بىرگە، 86 مىليون پۇقرانىڭ تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە قېرىنداشلىق مۇھىتىدا ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق قەدەملەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى بايان قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «دۆلىتىمىزنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۆز نىشانلىرىغا يېتىشىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ كەلگەن بۇ قانلىق زەنجىرنى مىللىتىمىز بىلەن بىرلىكتە ئۈزۈپ تاشلاشقا ئەھدى قىلدۇق» دېدى ۋە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، ئاخىرىدا تېررورلۇقتىن خالىي بىر تۈركىيە ۋە رايون نىشانىغا يېتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان مەكتۇبىدا يەنە مۇنۇلارنى قەيت قىلدى: «شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، بىز نېمە قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىلەن غايەت زور بىر نىشانغا قاراپ كېتىۋاتىمىز.»

«بۇ مۇساپىدە ھەرگىزمۇ سودىلىشىشقا، مۇزاكىرىگە، مۇرەسسەگە، مەخپىي ۋە رەزىل ئۇرۇنۇشلارغا يول قويۇلمىدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.»

«شېھىتلىرىمىزنىڭ ئەزىز روھىنى بىئارام قىلىدىغان، شېھىت ئائىلىلىرىنى ۋە غازىلىرىمىزنى رەنجىتىدىغان ھېچقانداق قەدەم بېسىلمىدى ۋە بېسىلمايدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us