تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئەتتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى مۇزاكىرىلەشتى.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىدان ۋە ئابدۇلئەتتى يەكشەنبە كۈنى غەززەدىكى ئېغىر ئىنسانىي ۋەزىيەت، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك ئاچارچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنىڭ ئەيىبلىنىشى
تۈركىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا جايلاشقان مەسجىدى ئەقساغا ئىسرائىلىيە مىنىستىرلىرى، بىخەتەرلىك قىسىملىرى ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن قىلىنغان يېقىنقى بېسىپ كىرىشنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا، بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ مەسجىدى ئەقسانىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە شەھەرنىڭ مۇقەددەس كىملىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مىنىستىرلىق بۇ ئەھۋالنىڭ پەقەت رايون ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانى» ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتتا: «تاجاۋۇزچى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ سىستېمىلىق ئىغۋاگەرچىلىكلىرى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىكى زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش چاقىرىقلىرى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئاساسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ۋە تىنچلىق ئۈمىدىگە چوڭقۇر زىيان يەتكۈزمەكتە» دېيىلدى.
تۈركىيە غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىنى تەكرارلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى ئاساس قىلغان مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنى قوللاشقا چاقىردى.