پەلەستىنلىك قوراللىقلار ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇستا بىر ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئوق چىقىرىپ، بەش كىشىنى ئۆلتۈردى، بىر قانچە كىشىنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى ئىككى قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بولسا، يەنە يەتتە كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك جىددىي قۇتقۇزۇش ئىدارىسى (MDA) قازا قىلغانلار ئىچىدە «50 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئەر بىلەن 30 ياشلار ئەتراپىدىكى ئۈچ ئەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، يارىدارلاردىن بىر قانچە كىشىنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
MDA نىڭ ئىلگىرىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەن سائەتلىرىدە يىگال كوچىسىدىكى راموت كېسىشمە ئېغىزىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 15 ئەتراپىدا كىشى يارىلانغان.
باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن ۋەزىيەتكە باھا بېرىش ئۈچۈن يىغىن ئاچقانلىقى ئېلان قىلىندى.
پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «خەلقىمىزگە قارشى سادىر قىلغان ئىشغالىيەت جىنايەتلىرى ۋە يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تەبىئىي ئىنكاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ساقچىلار ھۇجۇمچىلارنىڭ بىر ماشىنا بىلەن نەق مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.
ساقچىلارنىڭ باياناتىدا: «نەق مەيداندىكى بىر خەۋپسىزلىك خادىمى ۋە بىر پۇقرا دەرھال ئارىلىشىپ، ئقوراللىقلارغا قارشى ئوق چىقىرىپ، ھۇجۇمچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى» دېيىلدى.
ئىسرائىلىيە، غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىدا كۆپىنچىسى پۇقرالاردىن بولۇپ 64 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. نېتانياھۇنىڭ ئاشقۇن ئوڭ قانات ھۆكۈمىتى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇ قەدەم كەلگۈسىدە بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئەمەلىيەتتە يوققا چىقىرىدۇ.
