غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
دۇنياۋى سۇمۇد فىلوسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنى خاتىرىلەپ يولغا چىقتى
پائالىيەتچىلەر، ئەيگى ۋە مىڭلىغان پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنىڭ جازاسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، فىلونىڭ ئادالەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.
دۇنياۋى سۇمۇد فىلوسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنى خاتىرىلەپ يولغا چىقتى
دۇنياۋى سۇمۇد فىلوسى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنى خاتىرىلەپ يولغا چىقتى / AA
7 سبتمبر 2025

دۇنياۋى سۇمۇد فىلوسى شەنبە كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان تېگى تۈرك، ئۆزى ئامېرىكىلىق ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خاتىرىلىدى.

ئۇقتۇرۇشتا: «ئايشەنۇر ۋە يۈز مىڭلىغان پەلەستىنلىك ھەمدە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىشغالىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، بۇ ئەھۋال پۈتۈنلەي جازاسىز قالدى» دېيىلدى.

فىلۇ ئۆز ۋەزىپىسىنى «ئىنسانىيەت ۋە ئادىل تىنچلىق ئۈچۈن قىرغىن قىلىنغانلار نامىدا يولغا چىقىش» دەپ ئېنىقلىما بېرىپ، بۇ سەپەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى بىر مەيدان» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىز ئىنسانىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىخەتەرلىكىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىزنىڭ پەلەستىننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئەركىنلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمىز ۋە ئايشەنۇردەك ھەرىكەت قىلىشنى تاللايمىز... بىز پەلەستىنگە قاراپ يولغا چىققاندا، ئۇمۇ بىز بىلەن بىللە» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەلىك مەرگىنى ئەيگىنى ئۆلتۈردى

26 ياشلىق ئەيگى 2024-يىلى 6-سېنتەبىر نابلىسقا يېقىن جايدىكى قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا ئىسرائىلىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

ۋىدېئو ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ئەيگىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك بىر مەرگىنى تەرىپىدىن قەستەن نىشانلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مەۋجۇت دەلىللەرگە قارىماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئەسكەرلەرنىڭ تاش ئاتتى دېيىلگەن نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشى جەريانىدا ئايشەنۇرنىڭ «زور ئېھتىماللىق بىلەن ۋاسىتىلىق ۋە قەستەنلىىك بولمىغان ھالدا» ئوق تېگىپ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

2025-يىلى 7-ئايدا يولغا قويۇلغان دۇنياۋى سۇمۇد فىلوسى بارسېلوناغا ئوخشاش پورتلاردىن يولغا چىققان 50 دىن ئارتۇق پاراخوتتىن تەركىب تاپقان خەلقئارالىق ئىنسانپەرۋەرلىك تەشەببۇسى سۈپىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان دېڭىز قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا، ئاچارچىلىق ئەھۋالى رەسمىي ئېلان قىلىنغان غەززەگە يېمەكلىك، دورا ۋە باشقا ئاساسلىق ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى يەتكۈزۈشتۇر.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us