تۈركىيە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى(AGİT) نىڭ تەخمىنەن 30 يىل ئىلگىرى ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى قاراباغ رايونىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى ۋاسىتىلىك ھەل قىلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان مىنسك گۇرۇپپىسىنى تارقىتىۋېتىش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ 2025-يىلى 1-سېنتەبىردىكى مىنسك گۇرۇپپىسى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە ئورگانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىز» دېدى.
باياناتتا يەنە: «ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن بۇ تارىخىي قارار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىدىن بىرىنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
قاراباغ توقۇنۇشىنى تىنچ ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتىدە 1992-يىلى قۇرۇلغان مىنسك گۇرۇپپىسىغا رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە فىرانسىيە ئورتاق رەئىس بولۇپ كەلگەنىدى. بىراق بۇ گۇرۇپپا ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ئاجىزلىق قىلدى. ئەزەربەيجان ئۇزۇندىن بۇيان بۇ گۇرۇھنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا ۋە بۇنى ئەرمېنىيە بىلەن رەسمىي تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىدى.
بۇ گۇرۇپپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايدىكى ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىندى. بۇ ئۇچرىشىشتا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلهام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. كېيىن ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا بۇ گۇرۇپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق تەلەپ سۇندى.
تۈركىيە توقۇنۇشتا ئىزچىل ھالدا ئەزەربەيجاننى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قارارغا جەنۇبىي قەفقازدا كاۋكازدا سىجىل تىنچلىقنى بەرپا قىلىش يولىدا تاشلانغان بىر قەدەم دەپ قارايدۇ.