ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى
پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەلقەييارىيە يېزىسىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر ئائىلىدىن ئىككى كىشى يارىلاندى. يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى
/ Reuters
September 11, 2025

«سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» (SDG) نامى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى سۈرىيەدە پۇقرالارا ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر ئائىلىدىن ئىككى كىشى يارىلاندى.

سۈرىيە ئەرەب ئاگېنتلىقى (SANA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» ھەلەبنىڭ شەرقىي يېزىلىرىدىكى ئەلخەفسە يېزىسىنىڭ ئەتراپىغا مىناميوت بىلەن ھۇجۇم قىلغان، شۇنداقلا مەنبىچ يېزىسىدىكى ئەلقەييارىيە يېزىسىدىكى ئۆيلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلغان.

بۇ جىددىيچىلىك 10-مارت سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا بىلەن پ ك ك/ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن فەرھات ئابدى شاھىن ئوتتۇرىسىدا، سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى پۇقرالار ۋە ھەربىي ئاپپاراتلارنى دۆلەت باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىك پىلانلىرىنى رەت قىلىش مەقسىتىدە ئىمزالانغان كېلىشىمدىن كېيىن يۈز بەردى.

ئەمما بۇ تەشكىلات مەزكۇر كېلىشىمگە كۆپ قېتىم خىلاپلىق قىلدى.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى 2024-يىلى 8-دېكابىر كۈنى ئۇدا 24 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، دۆلەتتە بىخەتەرلىكنى ساقلاش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us