تېل ئاۋىۋنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە يولغا قويۇۋاتقان ئاچارچىلىق سىياسىتى سەۋەبىدىن غەززەدە مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە ئاچلىقتىن قازا قىلدى.
ت ر ت ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان شىددەتلىك ھۇجۇملىرى جەريانىدا غەززەدە يۈز بەرگەن ۋەيرانچىلىقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھاۋادىن تارتىلغان مەخسۇس كۆرۈنۈشلەرگە ئېرىشتى.
مۇخبىر مۇجاھىت ئايدەمىر ۋە ئوپېراتور ئوسمان ئەكەن ئىيوردانىيەنىڭ ھاۋادىن ياردەم تاشلاش ھەرىكىتى جەريانىدا غەززەنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كەلگەنلىكىنى ھۆججەتلەشتۈردى. ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن قىلغان ھۇجۇملىرى ئونمىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ۋە مەھەللىلەرنىڭ پۈتۈنلەي خارابىلىككە ئايلىنىشىغا سەۋەب بولدى.
يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023 – يىلى 7 – ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 61 مىڭ 776 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 154 مىڭ 906 كىشى يارىلانغان. ۋەيران بولۇپ كەتكەن بىنالارنىڭ ئاستىدا يەنىلا مىڭلىغان كىشىنىڭ كۆمۈلۈپ قالغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
ئۇدا بىرنەچچە ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قورشاۋ يېمەكلىك، سۇ، دورا ۋە باشقا ئاساسلىق ئېھتىياجلارنىڭ كىرىشىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ، ئىنسانىي تىراگېدىيەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرى قەھەتچىلىككە ئوخشىغان شارائىت ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا. ھازىرغىچە ئاچلىقتىن كەم دېگەندە 239 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇلارنىڭ كەم دېگەندە 106 نەپىرىنىڭ بالىلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ئاچلىقتىن يەنە تۆت بالا ۋە بىر چوڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ 88% ى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن.

بۇ رايوندىكى 2 مىليون 300 مىڭ نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى — تەخمىنەن 2 مىليون كىشى — ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە نۇرغۇن كىشى بىرنەچچە قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەر ئادەم كۆپ بولغان مەكتەپلەردە ياكى ۋاقىتلىق چېدىرلاردا پاناھلىنىشقا تىرىشماقتا. بۇ جايلارنىڭ تازىلىق شارائىتى ناچار، پاكىز سۇغا ئېرىشىش چەكلىك بولغاچقا، بۇ جايلاردا كېسەللىكلەر تېز سۈرئەتتە تارقالماقتا.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياردەم تارقىتىش نۇقتىلىرى ۋە ۋاقىتلىق پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە. پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان بۇ خىلدىكى جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 1881 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن 13 مىڭ 900 كىشى يارىلانغان.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگانلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى ئاچ قويۇش ۋەكىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىشنى ئۇرۇش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەززەدىكى ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.