جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە «تېروردىن خالىي تۈركىيە» نىشانى يولىدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە رايونلۇق تىنچلىق تەشەببۇسلىرى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايېد ئەل نەھيان بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيەنىڭ «تېروردىن خالىي تۈركىيە» تەشەببۇسى بىلەن ھەم دۆلەتنىڭ ھەم رايوننىڭ كۈنتەرتىپىدىن تېرورلۇقنى چىقىرىشقا قارىتا مۇھىم قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە ئەردوغان بۇ يۆنىلىشتىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ قەتئىيلىك بىلەن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبىرى ئەل نەھيان بولسا تۈركىيەنىڭ بۇ نىشانىنىڭ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىگە مۇھىم تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ جەرياننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ئائىت ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزگەن.
ئەردوغان يەنە تۈركىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ بارلىق ساھەلەردە ئىجابىي نەتىجىلەرنى يارىتىۋاتقانلىقىنى ۋە بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەن يېڭى تېخنولوگىيەلەردە زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
سۆھبەتتە ئەردوغان، ئەبۇزەبىدە باشلانغان ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ۋە كاۋكازدا ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن بارلىق ئىجابىي تەشەببۇسلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.