4 گھنٹے قبل
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سابىق ئەمەلدارى جوسېپ بوررېل دۇنيانىڭ 1995-يىلىدىكى سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشتا مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغانلىقىنى ئېيتىپ، غەززەدە تېخىمۇ كۆپ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى جوسېپ بوررېل 1995-يىلىدىكى سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى بىلەن غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى سېلىشتۇرۇپ، ئەگەر يەر شارى خاراكتېرلىك جىمجىتلىق داۋاملاشسا، يەنە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىمالى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ جۈمە كۈنى (11-ئىيۇل) ئېكس (X) سەھىپىسىدە: «بىز 30 يىل ئىلگىرى سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالالمىدۇق. بۈگۈن بىز قۇربانلارغا تەزىم قىلىمىز» دەپ يازدى.
ئۇ يەنە: «ئۇلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەپ ھۆرمەتلەشنىڭ ئۇسۇلى، ھازىر غەززەدە يۈز بېرىۋاتقان يەنە بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» دەپ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
-1995يىلى 7-ئايدا، بوسنىيە سېرب قىسىملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سرېبرېنىتسا بىخەتەر رايونىغا بېسىپ كىرىپ، 8000 دىن ئارتۇق بوسنىيەلىك مۇسۇلمان ئەر ۋە ئوغۇل بالىنى ئۆلتۈرگەن. ئۇ ۋاقىتتا بۇ رايون گوللاندىيە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا ئىدى.
كېيىنچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گېنېرال راتكو ملادىچ باشچىلىقىدىكى سېرب قىسىملىرى، بىرىنچى كۈنىلا تەخمىنەن 2000 ئادەمنى قىرغىن قىلغان. كېيىنكى كۈنلەردە، ئەتراپتىكى ئورمانلاردىن قاچقان يەنە مىڭلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. قۇربانلارنىڭ جەسەتلىرى بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 570 تىن ئارتۇق كوللېكتىپ قەبرىدىن تېپىلغان.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Explained: How Bosnian Serbs tried to cover up the Srebrenica genocide