August 16, 2025
كىشىلەر تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىش، ئالياسكادىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا قىزغىن كۈتۈۋېلىش ۋە گۈلدۈرلەپ ئۇچقان كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ ئاۋازى بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، جۈمە كۈنى (15-ئاۋغۇست) ئۇلارنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى بىلەن نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.
ئانكورېجدىكى ئېلمېندورف-رىچاردسون بىرلەشمە ھەربىي بازىسىدا تەخمىنەن 2 يېرىم سائەتلىك سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر مۇخبىرلار ئالدىدا پەيدا بولدى، بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھېچقانداق سوئال سوراشقا يول قويۇلمىدى.
ترامپ مۇنداق دېدى:
«بىز ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق ۋە نۇرغۇن نۇقتىلاردا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، پەقەت ئاز بىر قىسىملا قالدى. بىز ئۇ نۇقتىغا تېخى يېتەلمىدۇق، ئەمما يېتىش ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەتلىرىمىز بار«.
-2022يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش توختىمىغانلىقى ئۈچۈن غەربتىكى ئىتتىپاقداشلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئامېرىكادا كۈتۈۋېلىنغان پۇتىن، ترامپقا بۇ ئۇچرىشىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «كېلەر قېتىم ئىككى رەھبەر موسكۋادا ئولتۇرۇشىمىز مۇمكىن« دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump–Putin Summit
بۇ ئۇچرىشىشتىن چىقىرىلغان مۇھىم خۇلاسىلەر:
قىزغىن كۈتۈۋېلىش، ترامپ-پۇتىن مۇناسىۋىتىنىڭ دوستانە ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.
پۇتىن قىزىل گىلەم بىلەن كۈتۈۋېلىندى، ھەتتا ئايرودۇرۇمدىن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغىچە ترامپنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ باردى.
يىغىن ئۆتكۈزۈلىدىغان جايدا ئىككى رەھبەرگە، ئامېرىكا تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ماركو رۇبىيو، ترامپنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ستېۋ ۋىتكوف؛ رۇسىيە تەرەپتىن، ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ ھەمراھ بولدى.
ئۇچرىشىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن پۇتىن سۆز قىلدى. ئۇ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتنى ماختاپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىككى دۆلەت ئېلىپ بارغان بىرلەشمە ھەرىكەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى؛ بۇ رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ترامپ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنى قايىل قىلماقچى بولغاندا ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆزلەر.
پۇتىن يەنە، ئەگەر ترامپ 2020-يىلدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان بولسا، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
رۇسىيە رەھبىرى: «مېنىڭچە شۇنداق بولاتتى» دېدى.
بىراق، ئەگەر دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتى جو بايدىن سايلانمىغان بولسا، موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا قارىتا باشقىچە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئالامەت ياكى ئىسپات يوق.
ترامپ ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
ترامپ بۇ ئۇچرىشىشقا پۇتىننى ئۇكرائىنا بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا قايىل قىلىشنى، ياكى ھېچ بولمىغاندا رۇسىيەدىن بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋەدە بېرىشنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.
ئەمما، ترامپ «بىز تېخى ئۇ نۇقتىغا يېتەلمىدۇق» دەپ ئېتىراپ قىلدى. كېيىنكى قەدەملەر توغرىسىدا بولسا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ۋە ناتو رەھبەرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump and Putin leave Alaska summit hopeful, yet no Ukraine deal
»ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش«
تەۋسىيە
ترامپ پۇتىن بىلەن توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش نىشانىدا بىر قىسىم مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىرىنى ئېيتتى، ئەمما بۇنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ ماھىيەتلىك پەرقنى تۈگىتەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ترامپ: «مېنىڭچە بىز ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدۇق، بىز تېخى ئۇ نۇقتىغا يېتەلمىدۇق، ئەمما بىر قىسىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. شۇڭا، يېڭى كېلىشىم ھاسىل بولمىغۇچە، ھېچقانداق كېلىشىم يوق» دېدى.
ئۇ كېيىنچە فوكىس خەۋەرلىرى (Fox News) قانىلىنىڭ مۇخبىرى (Sean Hannity) سېن خاننىتىنىڭ زىيارىتىنى قىلغاندىمۇ، پۇتىن بىلەن بولغان مۇزاكىرەلىرى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.
دىپلوماتىك ئىلگىرىلەش ئاستا بولغاچقا، پۇتىن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سوزۇلۇپ كەتكەن دىپلوماتىك ھەرىكەتلەر ئىچىدە ۋاقىت جەھەتتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا. بۇ رۇسىيە قوشۇنلىرىغا ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ. رۇسىيە توقۇنۇشنىڭ 3 يېرىم يىلىدا سان جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مۇداپىئەنى ئاستا-ئاستا يىمىرىپ تاشلىدى.
پۇتىن ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئەركىن دۇنيانىڭ رەھبىرى تەرىپىدىن ياخشى كۈتۈۋېلىندى ۋە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ رېئاللىققا يېقىنلاشقان-يېقىنلاشمىغانلىقى ياكى كېيىنكى قەدەملەرنىڭ نېمە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمەي ئايرىلدى.
پۇتىن ترامپنى سۆھبەتنىڭ «دوستانە» كەيپىياتتا بولغانلىقىدىن ۋە «رۇسىيەنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى بارلىقىنى چۈشەنگەنلىكى» ئۈچۈن ماختىدى. ترامپ بولسا، موسكۋانىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئاشكارا ھېچنېمە دېمىدى.
پۇتىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتوننىڭ «يېڭى سەھىپە ئېچىشى» كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - After Trump summit, Putin tells Ukraine, Europe not to 'create any obstacles' to peace