پىكىر
4 مىنۇت ئوقۇش
سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدا قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟
فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدا قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟
سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدا قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟
سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش / AP
пред 6 часа

 

2016 - يىلى 15-ئىيۇل تۈركىيە دېموكراتىيە تارىخىغا قارا بىر داغ بولدى. فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى مىللەتنىڭ كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن مەغلۇپ قىلىندى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىتچىت قىلىندى. ئۇنداقتا، ئۇ قاراڭغۇ كېچىدە نېمىلەر يۈز بەردى؟ تەپسىلاتى ھۆججەتلىك خەۋىرىمىزدە.

2016 - يىلى 15-ئىيۇل جۈمە كۈنى كەچ سائەت 21:30 دا، پايتەختتىكى باش ئىشتاب مەركىزىدىن قورال ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى خەلقنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئەنقەرە ئاسمىنىدا پەس ئۇچۇشقا باشلىدى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش خەۋىرىنى ئاڭلىغان پايتەختتىكىلەر باش ئىشتاب ئالدىغا يىغىلىشقا باشلىدى. فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلىرى ئىشلەتكەن تىكئۇچار ئايروپىلاندىن، دېموكراتىيە ئۈچۈن كوچىلارغا چىققانلارغا ئوق ياغدۇردى. كېيىنكى سائەتلەردە، باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلار تىكئۇچار بىلەن نامەلۇم بىر يەرگە ئېلىپ كېتىلدى.

خائىنلار فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋە بوغازئىچى كۆۋرۈكىنى قاتناشقا تاقىدى

پەقەت ئەنقەرەدىلا ئەمەس، ئىستانبۇلدىمۇ خائىنلار دۆلەتنى قالايمىقانچىلىققا سۆرەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى. بوغازئىچى ۋە فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكلىرى فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىن ئەزالىرى تەرىپىدىن تانكىلار بىلەن تاقالدى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشقا قارشى تۇنجى بايانات سائەت 23:02 دە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى، باياناتتا: «بىز بۇنى بىر قوزغىلاڭ دەپ قارايمىز. قوماندانلىق زەنجىرىسىز ھالدا، ئارمىيە ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ھەرىكىتىدۇر» دېيىلدى.

سائەت 23:18 دە، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار تۇنجى بومبىنى ئەنقەرەنىڭ گۆلباشى ناھىيەسىگە تاشلىدى. ساقچى ئاۋىئاتسىيە باشقارمىسى بومباردىمان قىلىندى.

16 - ئىيۇلنىڭ دەسلەپكى مىنۇتلىرىدا، بۇ قېتىم ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار ئىستىخبارات مەركىزىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى تىكئۇچارلار يېڭىماھاللەدىكى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى ئوققا تۇتتى. مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرى قولىدىكى قوراللار بىلەن تىكئۇچارغا قارشى ئوق چىقاردى.

شۇ ۋاقىتتا، بىر تۈركۈم ھەربىي فورمىدىكى ۋەتەن خائىنلىرى تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT)  نىڭ كارىدورلىرىدا ئىدى. مىللەتنىڭ ئېكرانىنى ئۆچۈرمەكچى بولدى. خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر قىسمى گۆرۈگە ئېلىنىپ، ئىدارىگە كىرىش-چىقىش تاقالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش يۈز بەرگەن سائەتلەردە ئائىلىسى بىلەن مارمارىستا ئىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سائەت 00:24 دە تېلېفون ئارقىلىق سىنلىق ھالدا نەق مەيدانغا ئۇلاندى. ئۇ دېموكراتىيە قەھرىمانلىرىغا چاقىرىق قىلىپ، مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى تەكىتلىدى: «مەن مىللىتىمىزنى ۋىلايەتلىرىمىزنىڭ مەيدانلىرىغا تەكلىپ قىلىمەن. ئايرودروملارغا تەكلىپ قىلىمەن. مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەيدانلاردا، ئايرودروملاردا يىغىلايلى، ئۇ ئاز سانلىق گۇرۇپپا تانكىلىرى بىلەن كېلىپ، خەلققە نېمە قىلماقچى بولسا شۇ يەردە قىلسۇن. مەن بۈگۈنگە قەدەر خەلقنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈن بىر كۈچنى كۆرمىدىم» دېدى.

سائەت 00:56 دە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار بۇ قېتىم ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسىنى بومباردىمان قىلدى. فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خائىنلىرى دۆلەتنىڭ بارلىق بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا ئىدى. ئۇ قاراڭغۇ كېچىدە خائىنلارنىڭ نىشانلىرىدىن بىرى ئەنقەرە گۆلباشىدىكى TÜRKSAT (تۈركسات) مەركىزى بولدى.

قەھرىمان خالىسدەمىر، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى گېنېرالنى ئېتىپ تاشلىدى

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن پەيتلەرنىڭ بىرى سائەت 02:18 دە يۈز بەردى. ئالاھىدە قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۆمەر خالىسدەمىر، ئۆزىگە بېرىلگەن بۇيرۇقنى شەھىد بولۇش بەدىلىگە ئورۇنداش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچى سەمىھ تەرزىنى قوماندانلىق مەركىزىگە كىرىشتىن بۇرۇن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، شۇ يەردە شەھىد بولدى.

گۆلباشىدىن ئىككىنچى قېتىم بومبا ئاۋازى ئاڭلانغاندا سائەت 02:20 ئۆتكەن ئىدى. خائىنلار قولغا چۈشۈرگەن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن گۆلباشىدىكى ئالاھىدە ھەرىكەت باشقارمىسىغا ھۇجۇم قىلدى.

پارلامېنت بىناسىنى بومباردىمان قىلدى

مىللىي ئىرادىنىڭ نامايەندىسى بولغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىمۇ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىدا ئىدى. خائىنلار ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن مىللىي ئىرادىنىڭ يۈرىكىنى بومباردىمان قىلدى. مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى ئۇ ۋاقىتتا پارلامېنتنىڭ ئومۇمىي يىغىن زالىدا دېموكراتىيە نۆۋىتىدە ئىدى.

سائەت 03:20 دە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مارمارىستىن ئىستانبۇلغا باردى. ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرىكەت بىر خىيانەت ھەرىكىتىدۇر. بىر قوزغىلاڭ ھەرىكىتىدۇر. بۇ ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ بەدىلىنى ئەلۋەتتە ناھايىتى ئېغىر تۆلەيدۇ، بۇنى ئالدىنئالا ئېيتىپ قوياي» دېدى.

سائەت 06:19 دە تاڭ ئېتىشقا باشلىدى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانى تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا مەغلۇپ قىلىندى. ۋەتەن خائىنلىرى بۇ قېتىم مىللەتنىڭ ئۆيىنى ھۇجم نىشانى قىلدى. فەتھۇللاھچى تېرورچىلار جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىنىڭ ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى.

خائىنلارنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى 24 سائەتكە يەتمەي بىتچىت قىلىندى

سائەت 06:40 دە بوغازئىچى كۆۋرۈكىدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ تەسلىم بولۇشقا باشلىغانلىقىغا دائىر خەۋىرى كەلدى. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى ھەر مىنۇت، ھەر سائەت تېزلىكتە ئاشتى. ئەدلىيە، ھەربىي ۋە ساقچى ساھەسىدە يۈزلىگەن خىزمەتتىن قالدۇرۇش قارارى چىقىرىلدى.

سائەت 08:26 دە، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن باش ئىشتاب باشلىقى ئاقار، ئاقىنجى ھەربىي بازىسىدىن تىكئۇچار بىلەن چانكايا سارىيىغا ئېلىپ كېلىندى. شۇ مىنۇتلاردا، ژاندارما باش قوماندانلىق ئىشتابى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلاردىن تازىلاندى.

دېموكراتىيە قەھرىمانلىرىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىشى نەتىجە بەردى. باش مىنىستىر يىلدىرىم سائەت 12:57 دە كامېرالار ئالدىغا چىقىپ، قوزغىلاڭنىڭ باستۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ كېچە تۈركىيەنىڭ 253 نەپەر ۋەتەن پەرزەنتى شەھىد بولدى. 2 مىڭدىن ئارتۇق دېموكراتىيە قەھرىمانى يارىلاندى. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش پۈتۈن مەملىكەتتە 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كونترول قىلىندى. قاراڭغۇ كېچىنىڭ تاڭ سەھىرىدە دېموكراتىيە غەلىبە قىلدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us