ئىران ئەمەلدارلىرى شەنبە كۈنى پايتەخت تېھراندا «ئىسرائىلىيەلىك جاسۇسلار» تەرىپىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر سېخقا بېسىپ كىردى. ئىران ساقچىلىرى ئېلان قىلغان كۆرۈنۈشلەردە، بېسىپ كىرىلگەن جايدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى ۋە پارتلاتقۇچ دورىلارنىڭ بارلىقى كۆرسىتىلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار بۇ ئورۇننىڭ تېھران ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كونكرېت ئورنىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئىسرائىلىيە ئۆتكەن ئايدا ئىران زېمىنىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلەتكەن ئىدى. ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىران تېھران ۋە ئىسفاھاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەردە ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان سېخلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى 12 كۈنلۈك توقۇنۇش 13-ئىيۇن تېل ئاۋىۋنىڭ ئىراننىڭ ھەربىي، يادرو ۋە ئاممىۋىي نىشانلىرىغا سەۋەبسىز ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى بىلەن باشلانغان ئىدى. ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 606 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 5332 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تېھران بولسا بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلدى. قۇددۇس ئىبرانىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 29 ئىسرائىلىيەلىك قازا قىلغان ۋە 3400 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
توقۇنۇش 24-ئىيۇن ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ۋە ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلاشقان ئىدى.