تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى قارمىقىدىكى يالغان ئۇچۇرلارغا قارشى تۇرۇش مەركىزى، بەزى ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك بىر مىنىستىرغا قىلىنغان سۇيىقەستنى تۈركىيەگە چېتىپ خەۋەرلەشتۈرۈشىنى رەت قىلدى. مەركەز بۇنى تۈركىيەگە غەرەزلىك ھالدا قارا چاپلاش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى دەپ ئاتىدى.
باياناتتا: «ئىسرائىلىيەدىكى بەزى تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان ۋە ئىسرائىلىيەلىك بىر مىنىستىرغا قىلىنغان سۇيىقەستكە دائىر خەۋەرلەردە دۆلىتىمىز نامىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەقسەتلىك يالغان ئۇچۇر تارقىتىش ھەرىكىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېيىلدى.
مەركەز ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا يېڭىدەك كۆرسىتىلگەن بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىيەتتە سەككىز ئاي ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «قولغا ئېلىنغان شەخسلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلۇقى توغرىسىدىكى باياناتلىرى قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن جەزملەشتۈرۈلگەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
باياناتتا، بۇ خەۋەرلەرنىڭ «خەلقئارا جامائەتچىلىك ئىچىدە تۈركىيەگە قارىتا غەرەزلىك ھالدا خاتا تونۇش پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ پەلەستىن سىياسىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقى» تەكىتلەندى.
ئەنقەرە جامائەتچىلىكنى ۋە خەلقئارا ئورگانلارنى تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «يالغان ئۇچۇر ۋە تەتۈر تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى»گە ئىشەنمەسلىككە چاقىردى.
تۈركىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغاندىن بېرى، ئىسرائىلىيەنى ئەڭ كەسكىن تەنقىد قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېل ئاۋىۋنى كۆپ قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، خەلقئارا سوت مەھكىمىلىرىدە بۇنىڭ ھېسابىنى بېرىشكە چاقىرىپ كەلگەن ئىدى.
ئەنقەرەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تۈركىيەنى تېررورلۇق ياكى رايون خاراكتېرلىق سۇيىقەستلەر بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىغان بۇ خىلدىكى قارا چاپلاش ھەرىكەتلىرىنى، تۈركىيەنىڭ پەلەستىننى قوللاش مەۋقەسىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇنۇشلار، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.