سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسىرائىلىيە يېڭى غەززە پىلانىنى رەسمىي باشلىدى
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش پىلاندا، 1 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىكنى جەنۇبقا مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىش ۋە ئولتۇراق رايونلارغا ھۇجۇم قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان.
ئىسىرائىلىيە يېڭى غەززە پىلانىنى رەسمىي باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە چېگراسىدا. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
8 hours ago

ئىسرائىلىيە ئارمىيەىسى قورشاۋدىكى پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈچەيتىپ، غەززە شەھىرىنى قايتا ئىشغال قىلىش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ «يېڭى باسقۇچى» نى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئېففى دېفرىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز غەززە شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ دەسلەپكى ھەرىكەتلىرىنى ۋە بىرىنچى باسقۇچىنى باشلىدۇق. قىسىملىرىمىز ھازىر غەززە شەھىرىنىڭ ئەتراپىنى ئىگەللىدى» دېدى.

ئۇ ئارمىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنىڭ «گىدېئوننىڭ ئۇرۇش ماشىنىلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «بۈگۈنكى ھاماس، ھەربىي ھەرىكەتتىن ئىلگىرىكى ھاماس ئەمەس» دېدى.

ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر زاپاس 60 مىڭ زاپاس ئەسكەرگە يېڭى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرگەن ۋە ھازىرقى 20 مىڭ ئەسكەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتقان.

ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ %75 نىڭ «ھەربىي جەھەتتىن كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقى» بىلدۈرگەن.

مەجبۇرىي كۆچۈرۈش

باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇش كابىنېتى 8-ئاۋغۇست غەززە شەھىرىدىن باشلاپ تەدرىجىي ئىشغال قىلىش پىلانىنى تەستىقلىدى.

بۇ پىلاندا 1 مىليونغا يېقىن پەلەستىنلىكنى جەنۇبقا مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىش ۋە ئولتۇراق رايونلارغا قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە 11-ئاۋغۇست غەززەنىڭ زەيتۇن مەھەللىسىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىدى.

گۇۋاھچىلار، ئۆيلەرنىڭ ئاھالىلەر كەڭ كۆلەمدە چىقىرىلغاندىن كېيىن، پارتلاتقۇچ ئورنىتىلغان ماشىنا ئادەملەر، زەمبىرەكلەرنى قارىغۇلارچە ئېتىش بىلەن پارتلىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 62،100 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

بىر نەچچە ئايلىق بومباردىماندا غەززە ۋەيران بولدى. ب د ت مۇتەخەسسىسلىرى رايوندا مەجبۇرىي ئاچارچىلىققا مەھكۇم قىلىشنىڭ يۈرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۆتكەن يىلى (2024) نويابىردا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقان خەلقئارالىق ئەيىبلەشلەرگە قارىماي، غەززەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك قايتا ئىشغال قىلىش پىلانىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا جاكارلىشى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us