سومالى پورتلار ۋە دېڭىز تىرانسپورتى مىنىستىرى ئابدۇلقادىر مۇھەممەد نۇر مۇنداق دېدى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 2011-يىلى سومالىدىكى زىيارىتى دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن تارىخىي بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى»
نۇر ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەردوغاننىڭ 2011-يىلى 8-ئايدىكى زىيارىتىنىڭ، سومالىنىڭ 1990-يىلى دۆلەت قۇرۇلمىسى يىمىرىلگەندىن بۇيانقى ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نۇر مۇنداق دېدى: «ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، پەرزەنتلىرى ۋە مىنىستىرلىرى بىلەن بىرلىكتە موگادىشۇغا قىلغان زىيارىتى، سومالىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن سۈپىتىدە ئەسلىنىدۇ»
سومالى ئەمەلدارلىرى بۇ زىيارەتنىڭ دۆلەتنى يېگانىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلگەن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ۋە تۈركىيە-سومالى مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيەلىك سەۋىيەگە كۆتۈرگەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە.
نۇر 1990-يىلى دۆلەت يىمىرىلگەندىن بۇيان تاشلىۋېتىلگەن سومالىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىقلارنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
نۇر: «ئۇ كۈنلەردە سومالى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ياردەمسىز بىر دۆلەت ئىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كابىنېتى، ئائىلىسى ۋە بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە سومالىغا كەلگەندە بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى يۈز بەردى. پەقەت تۈرك خەلقىلا ياردەم قىلىپلا قالماي، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى سومالىغا مەركەزلەشتى» دېدى.
نۇر ئەردوغاننىڭ زىيارىتىدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ سومالىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۇ كۈندىن بېرى ھەر كۈنى تېخىمۇ ياخشىلىنىپ ماڭدۇق. تۈركىيەنىڭ سومالىنى قايتا قۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
نۇر تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش، تەرەققىيات ۋە سومالى خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىدا ھەر دائىم سومالىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سومالى پىلان، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق سومالى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد دۇبوۋ ئەردوغاننىڭ زىيارەتلىرى ھەققىدە: «2011-يىلىدىكى زىيارەت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن ئىدى، ئەمما 2016-يىلىدىكى ئىككىنچى زىيارەت بىر تەرەققىيات زىيارىتى ئىدى» دېدى.
دۇبوۋ تۈركىيەنىڭ سومالىدىكى رولىنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
موگادىشۇدا ئەلچىخانا ئېچىلىشى، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئاگېنتلىقى (TİKA) ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك مەكتەپلىرى بىلەن دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورگانلىشىشىغا خىزمەت قىلدى.
بۈگۈنكى كۈندە سومالى تۈركىيەنىڭ ئافرىقاغا يۈزلىنىش سىياسىتىنىڭ بىر سىمۋولىغا ئايلاندى. تۈرك شىركەتلىرى سومالىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك بىر ئاكتىيورغا ئايلانغان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە، بېلىقچىلىق ھەتتا ئالەم قاتنىشى ساھەلىرىدە يېڭى ھەمكارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
