گۋىيانا قوراللىق قىسىملىرى ۋە ساقچىلىرى ۋېنېسۇئېلادىن گۋىيانانىڭ سايلام بۇيۇملىرىنى توشۇۋاتقان بىر پاراخوتقا ئوق چىقىرىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا بىر چارلىغۇچى پاراخوتنىڭمۇ ئوق چىقىرىپ جاۋاب قايتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بىرلىككە كەلگەن باياناتقا قارىغاندا، بۇ ۋەقە يەكشەنبە كۈنى سائەت 18:30 دا، ۋېنېسۇئېلا بىلەن گۋىيانا ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق ۋە نېفىتكە باي ئېسسېكۋىبو رايونىدىكى كۇيۇنى دەرياسىدا يۈز بەرگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، ھەربىي ۋە ساقچى خادىملىرى بار چارلىغۇچى پاراخوت، يىراق سايلام مەركەزلىرىگە سايلام بېلىتى تارقىتىۋاتقان گۋىيانا سايلام ئەمەلدارلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، ۋېنېسۇئېلا قىرغىقىدىن ئوق ئېتىلغان.
باياناتتا، «چارلاش ئەترىتى دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ، قوغدىغۇچى ئەترەتنى خەتەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. ھېچقانداق خادىم يارىلىمىغان ۋە سايلام بۇيۇملىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغان ياكى خەۋپكە دۈچ كەلمىگەن» دېيىلدى.
ۋەقەدىن كېيىن، ئەترەت بىخەتەر ھالدا سەپىرىنى داۋاملاشتۇرغا ۋە قالغان بارلىق سايلام ساندۇقلىرى بەلگىلەنگەن سايلام مەركەزلىرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەن» دەپمۇ قوشۇمچە قىلىندى.
دۈشەنبە كۈنى، دۇنيادىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ بولغان 850 مىڭ نوپۇسلۇق گۋىيانادا يېڭى بىر پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
بۇ زاپاسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېسسېكۋىبو رايونىدا.
گۋىيانا ۋە ۋېنېسۇئېلا ئىلگىرى پاراخوتلىرىغا ئوق ئېتىلغانلىقى توغرىسىدا شىكايەت قىلىشقان، ئەمما ئادەتتە بىر-بىرىنىڭ قوراللىق قىسىملىرىنى ئەيىبلەشتىن ساقلانغان ئىدى.
ھازىرقى گۋىيانا پىرېزىدېنتى ئىرفان ئەلى ۋېنېسۇئېلاغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئېسسېكۋىبو رايونى ئۈستىدىكى دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەۋاسىدا ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
ۋېنېسۇئېلا بولسا كۈنسېرى ھۆكۈمرانلىق پوزىتسىيەسىنى كۈچەيتىپ، بۇ يىل بۇ رايونغا بىر ۋالىي سايلىدى.
تالاش-تارتىش
گۋىيانا زېمىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان ۋە بىر ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان گۋىيانا تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئېسسېكۋىبو ئۈستىدىكى تالاش-تارتىش، ئامېرىكادىكى ئېنېرگىيە گىگانت شىركىتى ExxonMobil نىڭ 2015-يىلى نېفىتلىك بايقاپ چىقىشىدىن كېيىن كۈچەيدى.
ۋېنېسۇئېلا بىلەن گۋىيانا چېگرا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ مەسىلە ھازىر گاگادىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە كۆرۈلمەكتە.
ئىلگىرى ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيە مۇستەملىكىسى بولغان گۋىيانا، ئېسسېكۋىبو چېگراسىنىڭ 1899-يىلى بىر كېسىم ھەيئىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەمما ۋېنېسۇئېلا ئېسسېكۋىبو دەرياسىنىڭ رايوننىڭ شەرقىدە تەبىئىي چېگرا ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ 1777-يىللارغىچە بولغان تارىختا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.