16 августа 2025 г.
يەرلىك ئەمەلدارلار شەنبە كۈنى (16-ئاۋغۇست) پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 300 دىن ئاشقانلىقىنى؛ يېقىنقى ھەپتىلەردە ھازىرقى يامغۇر پەسلىدە نورمىدىن ئارتۇق يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبىدىن يوللارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ۋە ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، يۈزلىگەن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى- 211 ئادەم بىلەن تاغلىق خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە تىزىمغا ئېلىنغان.
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توققۇز ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، شىمالدىكى گىلگىت-بالتىستان رايونىدا بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. ئۆلۈمنىڭ كۆپىنچىسى تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە يۈز بەرگەن، ئاپەتلەردە ئادەم يارىلانغان.
مېتېرولوگىيە ئىدارىسى كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كىشىلەرنى «ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى» نى ئېلىشقا چاقىردى.
جۈمە كۈنى باجائۇر رايونىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇۋاتقان بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.
يوللار تاقالدى، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پىيادە قالدى
ھۆكۈمەت ئېغىر دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان تاغلىق رايونلاردىن بونېر، باجائۇر، سۋات، شاڭلا، مانسېخرا ۋە باتتاگرامنى ئاپەت رايونى دەپ ئېلان قىلدى.
تەۋسىيە