تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى — «كائان» دۇنياۋى ئىشەنچكە قانداق ئېرىشتى؟
تۈركىيە
5 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەنىڭ يەرلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى — «كائان» دۇنياۋى ئىشەنچكە قانداق ئېرىشتى؟ھىندونېزىيە بىلەن 48 دانە — كائان (KAAN) ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدىكى بىر يۈرۈش كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى، تۈركىيەنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئىشەنچلىك كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.
/ AA
6 hours ago

تۈركىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى «كائان» مۇھىم بىر ئېكسپورت كېلىشىمى بىلەن زور ئېتىراپقا ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ تېخنىكا نىشانى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچلىكلىكىنى ئىسپاتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىندا بۇ ھەقتە توختىلىپ، 48 دانە كائان ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ھىندونېزىيەگە سېتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ كېلىشىم پەقەتلا تارىخىي بىر شەرتنامە بولۇپلا قالماي، بەلكى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مۇساپىسىدىكى ھالقىما خاراكتېرلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا.

بۇ كېلىشىم تۈركىيەنىڭ ئىلغار، ئۇرۇشقا تەييار تېخنىكىلارنى تەمىنلەش ئىقتىدارىغا بولغان خەلقئارالىق ئىشەنچنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆزىنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «دوست ۋە قېرىنداش ھىندونېزىيە بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىمىزگە ئاساسەن، 48 دانە كائان تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىپ، ھىندونېزىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. كائاننى ئىشلەپچىقىرىشتا ھىندونېزىيەنىڭ يەرلىك ئىقتىدارلىرىدىنمۇ پايدىلىنىلىدۇ.»

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىك زىيارەتلەردىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان بۇ كېلىشىم، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنىڭ پەقەت باھاسى ئەرزان تاللاش بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىشەنچلىك ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق مۈلۈك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىدىكى مۇھىم بىر ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «يەرلىك ۋە مىللىي دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىياتىنى ۋە يەتكەن سەۋىيەسىنى نامايان قىلغان بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيە ۋە ھىندونېزىيە ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. كۆرسەتكەن قەتئىي ئىرادىسى بىلەن كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان ھۆرمەتلىك مەنسەپدىشىم، ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى پرابوۋو سۇبىيانتوغا سالام ۋە رەھمىتىمنى يوللايمەن. دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىدارىمىز ۋە TUSAŞ (تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى) باشچىلىقىدىكى كائاننى ئىشلەپچىقىرىشتا ۋە تۈركىيە تارىخىدىكى بۇ رېكورت خاراكتېرلىك ئېكسپورت كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق ئورگانلىرىمىزنى تەبرىكلەيمەن» دېدى.

دۇنيا تەلەپ قىلىۋاتقان ئۇرۇش ئايروپىلانى

كائان بەشىنچى ئەۋلاد كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈركىيە ئاۋىياتسىيە تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى نامايان قىلىدۇ. ئىلغار مانېۋرچانلىقى، رادار تەرىپىدىن ئاسان بايقىماسلىق ئالاھىدىلىكى ۋە سۈنئىي ئەقىل قوللايدىغان ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىرونىكا سىستېمىسى بىلەن يېڭى ئەۋلاد سۇپا سۈپىتىدە كۆزگە چېلىقماقتا.

ھەم ھاۋادىنۈھاۋاغا، ھەم ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا قىلىنىدىغان ھەرىكەتلەردە ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ لايىھەلەنگەن كائان تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكىسىدا ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلەش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

كائاننىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىسىنىڭ مەركىزىدە تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى ياتىدۇ. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى مەھمەت دەمىرئوغلۇ، ئايروپىلاننىڭ سىستېمىلىق تەرەققىيات ۋە ئىقتىدار يول خەرىتىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بازار ئېھتىياجىنى قانداق قاندۇرۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.

دەمىرئوغلۇ TRT World غا قىلغان سۆزىدە: «كائان بىزنىڭ پەخرىمىز، پەقەت تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن تۈركىيەنىڭ پەخرىدۇر. تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. ھازىر ئىككى دانە ئەسلىي تىپ قۇراشتۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بىرىنى، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا يەنە بىرىنى پۈتتۈرۈپ، ئۇچۇش سىناقلىرىنى باشلايمىز. ئۈچ دانە ئۇچار ئايروپىلانى ۋە بىر دانە يەر يۈزى سىناق ئايروپىلانى بولۇپ جەمئىي تۆت ئايروپىلان ئارقىلىق كېلەر يىلى ئىنتايىن جىددىي بولغان بىر قېتىملىق ئۇچۇش سىناق پائالىيىتىنى باشلايمىز» دېدى.

باش دىرېكتور دەمىرئوغلۇ تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە كەڭ كۆلەملىك تاپشۇرۇشنىڭ 2028-يىلىنىڭ ئاخىرى ياكى 2029-يىلىنىڭ بېشىدا باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتى  2034-يىلىغىچە 500 دانە ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرىشنى نىشان قىلماقتا. بۇ نىشان ھەم خەلقئارالىق ئېھتىياجنى، ھەم بۇ سۇپىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان شىركەتنىڭ كۈچلۈك ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دەمىرئوغلۇ: «كائان ئاۋىياتسىيە ئىنژېرنېرلىقىدىكى مىللىي ئۆزگىرىشنىڭ تاجى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

شىركەتنىڭ يول خەرىتىسىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى سانائىتى شىركىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى تەخمىنەن 3 مىليارد دوللار بولغان سودا سوممىسىنى 2025-يىلى 4.3 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش نىشانى بىلەن يېڭى بازارلارغا كىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. تەخمىنەن 16 مىڭ خىزمەتچىگە ئىگە بۇ شىركەت ھازىر ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە كەڭ كۆلەمدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. دەمىرئوغلۇ: «بىز بوئېڭ، ئايرباس ۋە سپىرىت ئايروئالەم سىستېمىلىرى قاتارلىق دۇنياۋى ئاۋىياتسىيە ساھەسىدىكى ماگناتلار بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز، شۇنداقلا 400 دىن ئارتۇق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى تەرىپىدىن قوللىنىلىۋاتىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTürkiye’s KAAN fighter jet set for deployment by 2030

ئىشەنچنى مۇستەھكەملىگەن TF35000 موتورى

بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ دۇنياۋى ئىشەنچكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىتتىرىش كۈچى سىستېمىسىنىڭمۇ نىشانغا ماس كېلىشى شەرت. بۇ نۇقتىدا دەل TUSAŞ موتور سانائىتى (TEI) نىڭ TF35000 تىپلىق موتورى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

TEI نىڭ باش دىرېكتورى ماھمۇت ئاكشىت TRT World نىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ماتورنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كائان پەقەت بىر ھاۋا ئاپپاراتى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي يەرلىك سىستېما سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرۇلماقتا. بىز TRMOTOR شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئايروپىلاننىڭ يۈرىكى بولغان TF35000 ماتورىنى پۈتۈنلەي يەرلىك ئىمكانىيەتلەر بىلەن ياساپ چىقىۋاتىمىز.»

بۇ موتور دېڭىز يۈزىدە 35 مىڭ فۇنت ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلالايدىغان، يېقىلغۇ ئۈنۈمى ئەلالاشتۇرۇلغان ۋە بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ئۆزگىچە قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىپ لايىھەلەنگەن.

ئاكشىت: «TF35000 پەقەت بىر موتور تۈرى ئەمەس. بۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق ماتېرىياللاردىن تارتىپ سىناق ئۇل ئەسلىھەلىرىگىچە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن تارتىپ ئىنژېنېرلىق مۇكەممەللىكىگىچە بولغان بىر پۈتۈن دۆلەتلىك ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى.

TF35000  موتورى ھىندونېزىيەگە ئەۋەتىلىدىغان 48 دانە كائانغا ئورنىتىلىدۇ. ئاكشىت بۇ ھەقتە: «بۇ ئارقىلىق بىز پەقەت بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانىنىلا ئېكسپورت قىلىپ قالماي، بەلكى تۈركىيە تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ھالقىلىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغان تەركىبىي قىسىمنىمۇ ئېكسپورت قىلىۋاتىمىز. بۇ، ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكىلىق مۇستەقىللىق يولىدا بېسىلغان ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك بىر قەدەم» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كائاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك سىگنال بولۇش جەھەتتىكى ئەھمىيىتى

دۆلەت مۇداپىئە ئانالىزچىسى ئاردا مەۋلۈتئوغلۇ، كائاننى دۇنيا مىقياسىدا ئىشەنچلىك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغان ئامىللارنى مۇستەقىل نۇقتىئىنەزەردىن باھالاپ مۇنداق دېدى: «كائان ھازىر سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بەشىنچى ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى. ئۇنىڭ 2030-يىللارنىڭ بېشىدا تولۇق خىزمەتكە كىرىشى مۆلچەرلەنمەكتە. پۈتكەندىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش كۈچىگە ئايلىنىدۇ.»

مەۋلۈتئوغلۇ يەنە: «ھىندونېزىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم كۈچلۈك بىر سىگنال. بۇنداق ئىستراتېگىيەلىك بىر سۇپىغا ئېرىشىش ئۇزۇن مۇددەتلىك ساداقەت ۋە ئىشەنچنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ كېلىشىم تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە بولغان ئىشەنچنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

كائاننىڭ ھاۋا ئۇرۇشىدىن ھالقىغان رولىغا ئىشارەت قىلغان مەۋلۈتئوغلۇ، ئۇنىڭ يەرلىك موتورى ۋە ئىلغار ئاۋىياتسىيە سىستېمىلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە: «بۇ، مىللىي ئىقتىدار ۋە كەلگۈسىگە تەييارلىقنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر» دېدى.

پىروتوتىپتىن  (مودېلدىن) قۇدرەت سىموۋۇلىغا

كائاننىڭ 2024-يىلى 2-ئايدىكى تۇنجى ئۇچۇشى ھەم سىمۋوللۇق، ھەم تېخنىكىلىق جەھەتتىن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇنىڭ نامى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن 2023-يىلىدىكى «كەلگۈسى ئەسىر» پائالىيىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيە ئۈچۈن يېڭى بىر مۇداپىئە دەۋرىنىڭ سىموۋۇلىغا ئايلاندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئۆز ۋاقتىدا: «بىز بىر مۇداپىئە كېلىشىمىدىن ھالقىغان زور ۋەقەگە گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز. بىز مۇستەقىل بىر ئاۋىياتسىيە كۈچىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە گۇۋاھ بولۇۋاتىمىز» دېگەنىدى.

بۇ تەرەققىيات يۈزلىنىشى كۈچەيمەكتە. 55-نۆۋەتلىك پارىژ ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتىكى بايراقدار شىركىتى بايقار، ئىتالىيەنىڭ لېئوناردو شىركىتى بىلەن يېڭى ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز سىستېمىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا شېرىكلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ ھەمكارلىق تۈركىيە ئىنژېنېرلىقىغا بولغان خەلقئارالىق ئىشەنچنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغىچە، دۆلەتلىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن دۇنياۋى بازار سۇپىلىرىغىچە، تۈركىيە ئەمدى پەقەت قورال-ياراغ ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولۇپلا قالماي، بەلكى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئېيتقاندەك، «مۇستەقىل ئاۋىياتسىيە كۈچى» نى يارىتىۋاتقان دۆلەتكە ئايلاندى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us