خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنى (DYY) جەلپ قىلغان.
مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانۋار ئېيىدىن تارتىپ ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %27 ئاشقان.
پەقەت ئىيۇن ئېيىدىلا بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 2022 – يىلىدىن بۇيانقى ئومۇمىي سومما 281 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىدىن 3 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق قىسمى سېلىنما سەرمايىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ 2 مىليارد 200 مىليون دوللىرى قەرز ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، 900 مىليون دوللىرى بولسا چەت ئەللىكلەرگە ئۆي-مۈلۈك سېتىش ئارقىلىق كىرگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى سودا دۇنياسىنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن ئىكەن.