August 16, 2025
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى (15-ئاۋغۇست) پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا قارىتا تەزىيە بىلدۈردى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:
«جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز ۋە پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇيۇقسىز كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 321 گە يەتكەن.
جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە بولۇپ، ئىشتاتلىق ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەردە 307 ئادەم جېندىن ئايرىلغان.
گىلگىت-بالتىستان ئۆلكىسىدە بەش ئادەم، ئازاد جاممۇ ۋە كەشمىر دەپمۇ ئاتىلىدىغان پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توققۇز ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
تەۋسىيە
نۇرغۇن رايونلاردا كۆچمە تېلېفون مۇنارلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن ئالاقىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Death toll exceeds 300 as monsoon floods ravage Pakistan