تەنتەربىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىتالىيەلىك تەنھەرىكەتچى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋاپات بولدى
29 ياشلىق ئىتالىيەلىك تەنھەرىكەتچى ماتتىيا دېبېرتولىس 8 – ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى جەريانىدا ھۇشىدىن كەتكەن ھالەتتە بايقالغانىدى.
ئىتالىيەلىك تەنھەرىكەتچى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋاپات بولدى
29 ياشلىق ئىتالىيەلىك تەنھەرىكەتچى ماتتىيا دېبېرتولىس خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ۋاپات بولدى/ فوتو: Instagram
August 12, 2025

 تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغان مۇھىتتا قالغان بۇ تەنھەرىكەتچى، تۆت كۈنلۈك داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ۋاپات بولدى.

دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ئىتالىيەلىك خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىسى ماتتىيا دېبېرتولىسنىڭ خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە جەريانىدا يىقىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى بىرلەشمىسى (IOF) تەرىپىدىن ئېلان قىلغان قوشما باياناتتا، 29 ياشلىق دېبېرتولىسنىڭ 8 – ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى جەريانىدا ھۇشىدىن كېتىپ، تۆت كۈندىن كېيىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«خىتايدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بىرىدە مۇتەخەسسىس دوختۇرلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، بەختكە قارشى ۋاپات بولدى.»

باياناتتە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى — تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ خەرىتە ۋە كومپاس ئارقىلىق بەلگىلەنمىگەن لىنىيەدە بېكىتىلگەن نۇقتىلارغا ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا يېتىپ بېرىشقا تىرىشىدىغان بىر تەنھەرىكەت تۈرىدۇر.

چېڭدۇ شەھەر مەركىزىدىن تەخمىنەن 50 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت، تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گرادۇستىن يۇقىرى ۋە ھاۋا نەملىكى يۇقىرى بولغان شارائىتتا ئېلىپ بېرىلدى.

ئىتالىيەنىڭ شەرقىدىكى پرىمىئېرو رايونىدىن كەلگەن دېبېرتولىس، ئەرلەر ئوتتۇرا ئارىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقاندا يىقىلىپ چۈشكەنىدى.

ئۇزۇنلۇقى 6 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ مۇسابىقە لىنىيەسى، 180 مېتىرلىق ئېگىزلىككە يامىشىشنى ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشى كېرەك بولغان 20 كونترول نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدا ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئاساسەن يېزا-قىشلاقلار ئارىسىدىكى ئېتىزلىقلاردا يۈگۈرۈۋاتقانلىقى كۆرۈلىدۇ.

مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى شىۋېيتسارىيەلىك رىككاردو رانكان، مۇساپىنى 45 مىنۇت 22 سېكۇنتتا تاماملىدى.

خىتاي دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان رانكان: «مەن بۇ يەردىكى ئىسسىق ھەم نەم ھاۋارايىغا تېزلىكتە ماسلىشىشىمغا توغرا كەلدى. مېنىڭچە، مەن ناھايىتى ياخشى قىلدىم» دېدى.

رەسمىي نەتىجىلەردە، دېبېرتولىس باشقا 11 تەنھەرىكەتچى بىلەن بىرلىكتە «مۇسابىقىنى تاماملىيالمىغانلار» (DNF) قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى بىرلەشمىسى (IOF) نىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئەرلەر خەلقئارا دالىدا يول تونۇش رەت تەرتىپىدە 137 – ئورۇندا تۇرىدىغان دېبېرتولىس، 2014 – يىلىدىن باشلاپ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كەلگەنىدى. ئۇ، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇنلىغان دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىلىرى ۋە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقانىدى.

دېبېرتولىس مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشتىن سىرت يەنە، ئۆزى تۇرۇشلۇق ستوكھولمدىكى KTH خان جەمەتى تېخنولوگىيە پەنلىرى ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتاتتى.

12 – نۆۋەتلىك دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 17 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن 4000 تەنھەرىكەتچى 253 خىل تۈردە مۇسابىقىگە چۈشمەكتە.

چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئويۇنلارنىڭ تۇنجى مېدال تۈرى ئەرلەر ئوتتۇرا ئارىلىق دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى بولدى.

دۇنيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ۋە خەلقئارا دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى بىرلەشمىسىنىڭ قوشما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«بىز بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق. تەنھەرىكەتچىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، دوستلىرىغا ھەمدە پۈتكۈل دالىدا يول تونۇش مۇسابىقىسى ساھەسىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز. بىز بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر بىر كىشى بىلەن ھەمنەپەسمىز. مۇسابىقىنى تەشكىللىگۈچىلەر ماتتىيا دېبېرتولىسنىڭ ئائىلىسىگە ۋە دالىدا يول تونۇش ساھەسىگە ھەر جەھەتتىن داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us