لېروي سانېنىڭ يۆتكىلىشى تۈركىيە پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟
تەنتەربىيە
4 مىنۇت ئوقۇش
لېروي سانېنىڭ يۆتكىلىشى تۈركىيە پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟گېرمانىيە پۇتبولچىسى لېروي سانې (Leroy Sane) نىڭ گالاتاسارايغا يۆتكىلىپ كېلىشى، تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە دۇنياۋى ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ.
گالاتاساراي مەستانىلىرى لېروي سانېنى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا كۈتۈۋالدى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / Anadolu Agency
6 hours ago

تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى گالاتاساراي بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى لېروي سانې بىلەن ھەقسىز يۆتكىلىشنى تاماملىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا تۈركىيە پۇتبولچىلىقىغا كەلگەن مۇھىم پۇرسەت دەپ قارىدى.

گېرمانىيەلىك 29 ياشلىق پۇتبولچى 12-ئىيۇن (2025) ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى نۇرغۇن كىشى قارشى ئالدى، توردا كىشىلەرنىڭ دىققىتى قوزغالدى. 1 مىليوندىن ئارتۇق توپ مەستانىلىرى گالاتاساراينىڭ يۇتۇب قانىلىدا ئۇنىڭ ئايروپىلان سەپىرى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تەييارلاندى. كۇلۇب سانېنىڭ ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ئىمزالىق شارپا كىيىپ چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ھەمبەھرلەپ، رەسمىي سۆھبەتنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سانېنىڭ يىللىق مائاشى 10 مىليون ياۋرو (11 مىليون 500 مىڭ دوللار) بولۇپ، ئۈچ يىللىق توختام ئىمزالىغان. ئۇ ماي ئېيىنىڭ نىڭ ئاخىرىدا بايرېن كۇلۇبى بىلەن بولغان توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، گالاتاساراي كۇلۇبىغا قوشۇلدى.

گالاتاساراي 1905-يىلى ئىستانبۇلدىكى داڭلىق گالاتاساراي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى ئەڭ قەدىمكىي پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ بىرى.

گالاتاساري كوماندىسى 23 قېتىم تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان كوماندىسى بولۇپ قالدى. كۇلۇبنىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجىسى 2000-يىلى قولغا كەلگەن ئىدى. گالاتاساراي شۇ ۋاقىتتا ياۋروپا لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، كۇلۇبتا گېئورگى خاگى، دىدىئېر دروگبا، ۋېسلېي سنېيجدېر ، كلاۋدىيو تاففارېل ۋە فېرناندو مۇسلېرا قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلار توپ تەپتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كۇلۇبتا ئۆچمەس مىراسلارنى قالدۇردى.

تەنتەربىيە ئوبزورچىسى نەدىم يىگىت گېرمانىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى لېروي سانېنىڭ گالاتاسارايغا يۆتكىلىپ كېلىشىنى، تۈركىيە پۇتبولچىلىقىغا مۇھىم پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.

 

نەدىم يىگىت ت ر ت ۋورلد ( TRT World) قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «سانې دۇنيادا ئېتىراپ قىلىنغان تالانت ئىگىسى، نوربېرت ئېلگېرت ئۇنى شالكېدا بايقىغان ۋە گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىغا ئېلىپ كىرگەن. ئۇ مانچېستېر كوماندىسىدا ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان  يۇقىرى ئۆلچەمدىكى توپچى ئىدى. ئۇ تۈركىيە پۇتبولى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان توپچى بولۇشى مۇمكىن.»

سانې مانچېستېر شەھىرىگە يۆتكىلىشتىن بۇرۇن شالكېدا كەسپىي ھاياتىنى باشلىغان، ئۇ پېپ گۇاردىئولانىڭ قول ئاستىدا ئىككى قېتىم ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدە ئويناپ، كوماندىسىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. ئۇ 2020-يىلى 60 مىليون ياۋرو مائاش بىلەن بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسىغا يۆتكىلىپ، 220 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، 61 توپ كىرگۈزگەن ۋە كەم دېگەندە 55 پاس بەرگەن.

نەدىم يىگىتنىڭ ئېيتىشىچە، سانېنىڭ خەلقئارالىق ماركا قىممىتى، گالاتاساراي ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ دۇنياۋى ئىناۋىتىنى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

گالاتاساراي ئىلگىرىمۇ ئىكاردى ( Icardi) ۋە ئوسىمىېن  (Osimhen) غا ئوخشاش توپچىلاردىن بۇنى كۆردى. سانې تېخىمۇ چوڭ ئىمزا قويۇش ئىشىكنى ئاچالايدۇ.

يىگىتنىڭ قارىشىچە، دۆلەت ئىچى تەسىرىدىن باشقا، بۇ يۆتكىلىش گالاتاساراينىڭ ياۋروپا سەھنىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئارزۇسىنى، بولۇپمۇ ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۇ ئەمدى بىرلەشمىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. گالاتاساراي ئۇنىڭ ياۋروپادا تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ رەقىب كۇلۇبلارنىڭ كۈچلۈك تەكلىپلىرىگە قارىماي گالاتاساراينى تاللىشى، نىشانى ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق بىر تۈرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نىگېرىيەلىك ۋىكتور ئوسىمخېن، گېرمانىيەلىك مارك-ئاندرې تېر ستېگېن ۋە ئىلكاي گۈندوغان ۋە پورتوگالىيەلىك بېرناردو سىلۋا قاتارلىق پۇتبولچىلار تېخنىكىلىق كۈچەيتىش ئۈمىدىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتىدۇ. ئىلگىرى ئادەتتىن تاشقىرى كۆرۈنگەن نەرسە ھازىر نورمال ھالەتكە ئايلانماقتا» دېدى.

نەدىم يىگىت سانېنىڭ مەيداندىكى ئىقتىدارى  ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«گېرمانىيە خەلقئارانىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم تەھدىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.»

 

ئۇ گېرمانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسى، ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئالىي بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا پۇتبول فېدېراتسىيەلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىدە، يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسەتكەن. كۈچلۈك قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشى ئۇنى گالاتاسارايدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇرىدۇ.

مەستانىلەرنىڭ ئىنكاسى

قوللىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ھاياجان ئوخشاشلا كۈچلۈك. گالاتاساراي مەستانىسى مۇستاپا ئاسلان ت ر ت ۋورلدقا ئۆزىنىڭ ھاياجېنىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «لېروي سانې سۈرئەت، تېخنىكا ۋە توپ كونترول قىلىش بىلەن تونۇلغان. ئۇنىڭغا ئوخشاش توپچىلار ياۋروپادا تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرىدۇ. بىزدە سانېغا ئوخشاش چولپانلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپادىكى چوڭ كوماندىلارغا جەڭ ئېلان قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

يەنە بىر مەستانە ئۆمەر ئارىكان سانېنىڭ يۆتكىلىشىنى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توپچىلارنى ئېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ ناھايىتى قالتىس ئىش بولدى، ئەمما بىز دۆلەت ئىچىدىكى توپچىلىرىمىزنى يىراقلاشتۇرماسلىقىمىز كېرەك. كەم دېگەندە ئىككى تۈرك توپچى دەسلەپكى 11 دە بولۇشى كېرەك. يەرلىك خاراكتېر ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

ئىستانبۇللۇق مەستانە ئابدۇللا تارىقمۇ ئۆزىنىڭ ھاياجانلانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«سانېنىڭ ئاران 29 ياشقا كىرىشى، تۈركىيە پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. گالاتاساراي بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق پۇتبولچىلارنىڭ ياش چېگراسىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئوسىمېن بار ئىدى. ئۇلار تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ياردەم بېرىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.»

ئۆمۈر بويى گالاتاساراي مەستانىسى بولغان بۇسرا سانكار سانېنىڭ يۆتكىلىپ كېلىشىنى، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «كۇلۇبىمىزدا سانېغا ئوخشاش دۇنياۋى سەۋىيەلىك توپچىنىڭ بولۇشى، ياش تۈرك توپچىلارغا مۇھىم پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇ ئىنتىزامچان، قابىلىيەت ۋە تاكتىكا جەھەتتە كۈچلۈك. ئەگەر ئۇ ياخشى ماسلاشسا، گالاتاساراي ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشى مۇمكىن. ئۇ تۈركىيە پۇتبولچىلىقىنى ياۋروپادا ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ.»

سانېنىڭ كېلىشى تۈركىيە پۇتبولچىلىقى يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالامدۇ يوق، بۇنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، تەقەززالىق تۇيغۇسى ئاللىبۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئۈمىدنى قايتىدىن پەيدا قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Galatasaray win Turkish Super Lig title
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us