ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لىۋېرپول كوماندىسى ۋە پورتۇگالىيە دۆلەتلىك كوماندىسىنىڭ تېخى يېقىندىلا توي قىلغان ماھىر پۇتبولچىسى دىئوگو جوتا بىلەن ئۇنىڭ ئىنىسى ئىسپانىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.
پۇقرالار مۇھاپىزەتچى قىسىمىلىرى زامورانىڭ غەربىي شىمالىدىكى سېرنادىلا (Cernadilla) شەھەرلىك ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدە بىر ئاپتوموبىلنىڭ تاشيولدىن چىقىپ كېتىپ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ۋەقەدە جوتا ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندرې فېلىپېنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى.
پورتۇگالىيە باش مىنىستىرى مونتېنېگرو مۇنداق دېدى: «پورتۇگالىيە نامىغا زور شەرەپ ئېلىپ كەلگەن تەنھەرىكەتچىمىز دىئوگو جوتا ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ھەممىمىزنى چۆچۈتتى، بۇ بىر پاجىئەدۇر. مەن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. بۈگۈن پۇتبولچىلىق ساھەسى، شۇنداقلا مىللىي ۋە خەلقئارالىق تەنھەرىكەت دۇنياسى ئۈچۈن قايغۇلۇق بىر كۈن بولدى.»