دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى كۆرۈلىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان پاكىستانغا نىسبەتەن، تېررورچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ يىراق بىر بولۇڭىدا بىر يولۇچىلار پويىزىنى بۇلاپ كېتىشى پاكىستان تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە ئىدى.
11 -مارتتا چەكلەنگەن بالوچ ئازادلىق ئارمىيەسى (BLA)ئەزاسى ئونلارچە تېررورچى، پېشاۋەر يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەۋاتقان «جاففار ئېكسپىرېس» ناملىق پويىزىنى توختىتىش ئۈچۈن، سىبىغا يېقىن تاغلىق رايوندا تۆمۈر يول لىنىيەسىنى پارتلىتىپ، 440 يولۇچى ۋە پويىز خادىمىنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. بۇ يولۇچىلارنىڭ بىر قىسمى، ئۆيىگە قايتىۋاتقان قورالسىز ھەربىيلەر ئىدى.
تېررورچىلار ۋەقەدىن كېيىن، كىملىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق كۆپىنچىسى بىخەتەرلىك خادىمى بىر قىسىم يولۇچىلارنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بىراق، تېررورچىلار ئېتنىك ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم كىشىلەرنى قويۇپ بەردى.
36 سائەت داۋاملاشقان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە، پاكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى 33 تېررورچىنى ئۆلتۈرۈپ، «ئىنسان قالقىنى» سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇۋەپپەقىيەت بولدى.
ۋەقەدە 18 بىخەتەرلىك خادىمى، ئۈچ تۆمۈر يول ئىشچىسى ۋە بەش پۇقرا بولۇپ، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان جەمئىي 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى جەريانىدا، بەش ئەسكەر جان ئۈزدى.
پويىز بۇلاش ۋەقەسى، پاكىستاننىڭ مۇرەككەپ تېررورلۇق قىيىنچىلىقلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى؛ پاكىستان غەربىي شىمالىي خەيبەر-پاختۇنخۋا ۋە غەربىي جەنۇبىي بالوچىستان ئۆلكىلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئافغانىستان بىلەن چېگرىداش بولغان رايونلىرىدا كۆپ فىرونتلۇق ئۇرۇشلارنى داۋاملاشتۇرماقتا.
قوراللىق گۇرۇھلار يەنە، ئاساسلىقى خىتاي پۇقرالىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ باردى.
تەھرىكى تالىبانى پاكىستان (پاكىستان تالىبانلىرى ھەرىكىتى) ۋە دائېش-ك قاتارلىق قاتتىق قول تېررورلۇق گۇرۇھلىرى خەيبەر-پاختۇنخۋادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسا، زوراۋان بۆلگۈنچى بالوچ ئازادلىق ئارمىيەسى تېررورچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك بالوچىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئىدېئولوگىيە جەھەتتىن پەرقلىق بولغان بۇ ئىككى تېررورچى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق نۇقتا، ئۇلارنىڭ پاكىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئافغانىستاننى سەكرەش تاختىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشى ۋە بەزىدە بۇ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىدۇر. كابۇل ھۆكۈمىتى بۇ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ياكى ئۇلارغا يول قويۇش توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
بالوچلار نېمە ئۈچۈن ئىران دۆلىتىگە قارشى قوراللاندى؟
سۈننىي بالوچلار ئىراندىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ھەر يىلى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىپ كەلمەكتە.

Sunni Baloch constitute a minority but represent a disproportionate number of those executed every year in the Islamic Republic of Iran.
ئىستراتېگىيەلىك ئۆزگىرىش
يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىخەتەرلىك خادىملىرىغا ۋە ئاساسىي قۇرۇلمىلارغا ھۇجۇم قىلىپ-قېچىپ كېتىش ھەرىكەتلىرى ياكى ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار بىلەن يىراقتىن پارتلىتىپ قېچىش بىلەن چەكلىنىپ كەلگەنىدى.
ئەمما كېيىنكى ئايلاردا، بالوچ ئازادلىق ئارمىيەسى تېررورچىلىرى بىخەتەرلىك نازارەت پونكىتلىرىغا، ساقچى ئىدارىلىرىغا ۋە ھۆكۈمەت بىنالىرىغا باستۇرۇپ كىرىش ھەمدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىشنى تېخىمۇ زىچ ۋە تېخىمۇ زوراۋان شەكىلدە ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.
مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ پويىز ھۇجۇمى، ئۇلارنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىش، ئىستراتېگىيەلىرىدە روشەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى پۇل، ئىلغار قوراللار ۋە ئوق-دورا، ئىلغار مەرگەن مىلتىقلىرى، تېرمال كېچىدە كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قوراللار ۋە ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق قورال ۋە ئوق-دورا زاپاسلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
رايوندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو قىسىملىرى قالدۇرۇپ كەتكەن قوراللارمۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرمەكتە. بۇ قوراللارنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ نۆۋەتتە تېررورچىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىنماقتا.
تېررور گۇرۇھلىرى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئېغىرلىشىۋاتقان سىياسىي قۇتۇپلىشىشلار سەۋەبىدىن سىستېمىدىن سوغۇپ كەتكەن ياشلارنى سەپلىرىگە قوشماقتا.
تېررورىزمنىڭ كۈچىيىشى باش مىنىستىر شەھباز شەرىفنىڭ ھۆكۈمىتىنى داۋالغۇتتى ۋە ھۆكۈمەت پويىز بۇلاش ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورلۇققا قارشى قاتتىق مەيدانىنى قايتا تەكىتلىدى.
تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى ۋە دائىرىسىنى بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ 1,250 تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە ئۆز سەپلىرىدىن 563 كىشىنى يوقاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەمەلىيەتكە قاراپ مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ.
بىخەتەرلىك كۈچلىرى 2024-يىلى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا تايىنىپ، چوڭ-كىچىك بولۇپ جەمئىي 59,775 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى؛ بۇ سان كۈنىگە ئوتتۇرىچە 164 زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما، 2025-يىلىغا كەلگەندە، كۈندىلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئوتتۇرىچە سانى 180گە ئۆرلىدى.
ئامېرىكانىڭ بىر بالوچ قوراللىق گۇرۇھىنى چەكلەش قارارىنىڭ پەردە ئارىسىدا نېمە بار؟
بالوچ بۆلگۈنچىلىرى يېقىنقى يىللاردا پاكىستاننىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن قېتىم كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنى سادىر قىلدى.

In recent years Baloch separatists have launched several suicide attacks worrying US officials as Pakistan draws closer to the US on the Afghan issue.
ئافغانىستان بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى
ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان ئافغانىستان تالىبانلىرىنى پاكىستاننىڭ تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشىغا يول قويۇش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى، يولۇچى پويىزىنىڭ بۇلاپ كېتىلىشىدىن كېيىنمۇ قوشنىسىنى ئەيىبلىدى.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئارمىيە باياناتچىسى، ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن پاكىتلارنىڭ، پويىز ھۇجۇمىنى ئېلىپ بارغۇچىلارنىڭ ۋەقە جەريانىدا «ئافغانىستاندىكى باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن» ئالاقە ئورناتقانلىقىنى دەلىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەمما، ئافغانىستان تالىبانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئابدۇلقاھار بەلخى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، پاكىستاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى ۋە ئىسلامابادنىڭ «بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز باياناتلار»نى بېرىش ئورنىغا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىچكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
باياناتچى، «ئافغانىستاندا بالوچ ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرمۇ ئەزاسى يوق، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بۇنداق بىر ئالاقە بولغان ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
نۇرغۇن پاكىستان-ئافغانىستان مۇناسىۋىتى كۆزەتكۈچىلىرى، ئافغانىستان تالىبانى بىلەن بىر چاغلاردىكى قوللىغۇچىسى بولغان پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە بۇزۇلۇشىنى ئىنتايىن غەلىتە دەپ قارايدۇ.
بەزى پاكىستانلىق كۆزەتكۈچىلەر، ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئافغانىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەشتە تېخىمۇ تەڭپۇڭ ئۇسۇللارنى قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، پەقەت بىر مەسىلىنى — تەھرىكى تالىبانى پاكىستانغا قارشى ھەرىكەت تەلىپىنى - ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەشنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ كەڭ بىر كۆز قاراشنى ياقلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ بىر نۇقتىلىق ئىستراتېگىيەنىڭ ۋە ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئىسلامابادنىڭ كابۇل ئۈستىدىكى تەسىرىنى ئازايتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئەمما، شەھباز ھۆكۈمىتى ئافغانىستان تالىبانلىرىنى دوھا كېلىشىمىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە؛ بۇ كېلىشىم، ئۇلارنىڭ ئافغانىستان زېمىنلىرىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە قارشى تېررورلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە يول قويماسلىقىنى مەزمۇن قىلىدۇ.
بۇ كونا ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى يىرىك مۇناسىۋەتلەر، نۆۋەتتە پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان چېگرا توقۇنۇشلىرىغا سەۋەب بولماقتا؛ ئىسلاماباد ھۆكۈمىتى كابولغا بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتىدە كىملىك ماتېرىياللىرى بولمىغان ئافغانىستان مۇھاجىرلىرىنى قايتۇرۇشقا باشلىدى.
بىراق ئىسلامابادنىڭ ئىستراتېگىيەسى ئۈنۈم بەرمەيۋاتقاندەك قىلىدۇ؛ ھەمكارلىق قىلمايۋاتقان ئافغانىستان، پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھىندىستان بىلەن بولغان ئالاقىسى
پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى باش مۇدىرلىقى (ISPR) باش مۇدىرى گېنېرال-لېيتېنانت ئەھمەد شەرىف چاۋۇش، جۈمە كۈنى ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ھىندىستاننى تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ، «بۇ تېررورلۇق ۋەقەسىدە بالوچىستاندىكى ۋە بۇرۇنقى باشقىلىرىدىكى ئاساسلىق قوللىغۇچىنىڭ شەرقتىكى قوشنىڭىز (ھىندىستان) ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىز لازىم»دېدى.
پاكىستان بولۇپمۇ 2016-يىلى مۇقىمسىز رايون بالوچىستان ئۆلكىسىدە كۇلبھۇشان جادھاۋ ئىسىملىك بىر ھىندىستان جاسۇسىنى قولغا چۈشۈرگەندىن بۇيان ھىندىستاننى تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن ئەيىبلەپ كەلدى.
جادھاۋ 2017-يىلى پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قوللاش ۋە پىلانلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بىر ھىندىستان جاسۇسى.
ئىسلاماباد يەنە، ھىندىستاننىڭ ھەم ئەنئەنىۋى ھەم ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى تەشۋىقات ھۇجۇملىرىدىنمۇ ئەندىشە قىلىدۇ.
گېنېرال چاۋۇش، ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ تېررورچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ بايانلىرىنى يوللۇقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ساختا ۋە سۈنئىي ئەقىل تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە فوتو سۈرەتلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئىچكى زىددىيەتلەر
تاشقى كۈچلەر دۆلەتنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق پاكىستاننىڭ تېررورىزم سىناقلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
بالوچ ئازادلىق ئارمىيەسى تېررورچىلىرى يېقىنقى دەۋرگىچە پەقەت چەتكە قېقىلغان گۇرۇھلار بولسىمۇ، ھاكىمىيەتنىڭ كەمچىلىكلىرى، بولۇپمۇ بالوچىستان ئۆلكىسىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ «مەجبۇرىي غايىب بولۇشى» ھەققىدىكى دەۋالارنىڭ كۆپىيىشى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ياشلارنى ئۆز سەپلىرىگە تارتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ھەتتا پاكىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئاساسىي ئېقىمدىكى بالوچ مىللەتچى پارتىيەلەرمۇ «مەجبۇرىي غايىب بولۇش» مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھۆكۈمەت تەرەپ بولسا، بۇ ھادىسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىش» ئىكەنلىكىنى، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تېررورلۇق گۇرۇھلارغا قوشۇلۇش ئۈچۈن يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بالوچىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى دوكتور ئابدۇلمالىك بالوچ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ئۆلكىسىدىكى غايىب بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ ئەڭ سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ تېررورچىلار تەرىپىدىن سىستېمىلىق سۇيىئىستېمال قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويدى.
سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قېلىش ھېسسىياتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە باشقا رايونلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەر سەۋەبىدىن ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىققا ئايلىنىپ قېلىش ئەندىشىسى، كۆپلىگەن بالوچ مىللەتچىلىرىنىڭ پىسخىكىسىدا ئېغىر پسىخولوگىيەلىك بېسىم پەيدا قىلماقتا.
رايون خەلقى يەر ئاستى بايلىقى مول بولغان ئۆلكىلىرىدىكى تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئادىل تەقسىملەنمىگەنلىكىنى، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كورىدورى (CPEC) ئىستراتېگىيەسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەرەققىيات پىلانلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ھۆكۈمەت تەرەپ بولسا، 2010-يىلدىن باشلاپ بالوچىستاننىڭ دۆلەت بايلىقلىرىدىن ئالىدىغان نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۆرسەتكۈچلىرىنى ياخشىلاش ۋە بالوچىستانلىق ياشلارغا ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە. شۇنداقتىمۇ، بالوچىستان يەنىلا پاكىستاننىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەڭ قالاق ئۆلكىسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
دىنىي ۋە ئېتنىك رادىكال تېررورچىلارغا قارشى كۈرەشتە كەڭ دائىرىلىك مىللىي ئىتتىپاق بولسىمۇ، ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەرەپلىمە يول تۇتۇپ، كۈچ ئىشلىتىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇلار، تېررورچىلار بىلەن بىۋاسىتە كۈرەش قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ تېز سۈرئەتتە سىياسىي ئىسلاھاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، تېررورلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان رايونلاردا جىددىي تەرەققىيات پىلانلىرىنى يولغا قويۇشى، مەنپەئەتدار تەرەپلەر بىلەن ھەقىقىي مەنىدە دىيالوگ ئورنىتىشى، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ۋە ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگەن ھەق-ھوقۇقلارنى ھىمايە قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىمەكتە.
پاكىستان ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ تېررورچىلارغا قارشى بىۋاسىتە كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلماقتا. بىراق بۇ زور ھەربىي تىرىشچانلىقلار، چوڭقۇر سىياسىي ئىسلاھاتلار، ھەقىقىي ئىجتىمائىي دىيالوگ ۋە جەمئىيەتتىن چەتكە قېقىلغان پاكىستانلىقلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئىستراتېگىيەلىرى بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇمىي مىللىي ئىتتىپاق يارىتىلىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.