سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندا قويمىچىلىق مەركىزى بىتچىت قىلىندى
پاكىستان فايسالئابادتىكى قويمىچىلىق مەركىزىنىڭ 149 نەپەر ئەزاسى قولغا ئېلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 48 خىتاي پۇقراسى بار.
پاكىستاندا قويمىچىلىق مەركىزى بىتچىت قىلىندى
ۋاتسئاپ لوگوسى / AP
8 hours ago

پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقى تىكتوك (TikTok)، يۇتۇب (YouTube)  ۋە تېلېگرام (Telegram ) قاتارلىق سۇپىلاردا دۆلەت ھالقىغان ساختا مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىق گۇرۇھىنى بىتچىت قىلدى.

پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقى (NCCIA) 10-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، فايسالئابادتىكى تېلېفون چاقىرغۇ مەركىزىنى تەكشۈرۈشتە، 71 دۆلەتتىن كەلگەن 149 قويمىچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسكەرتىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇقراسى ئەڭ كۆپ ئىكەن.

«The Express Tribune» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە،    فايسالئاباد سوتى 69 گۇماندارنى بەش كۈنلۈك قاماق ئۈچۈن پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقىغا تاپشۇرغان. قالغان گۇماندارلار 14 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئۈچۈن تۈرمىگە يوللانغان. گۇماندارلار  ئۈستىدىن مالىيە ئالدامچىلىقى ۋە قويمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم يەتتە دېلو تۇرغۇزۇلغان.

پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقى باياناتىدا: «تەكشۈرۈش جەريانىدا، پونزى سىستېمىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقىدا قوللىنىلغان تېلېفون چاقىرغۇ مەركىزىي قولغا چۈشۈرۈلدى بۇ ئالدامچىلىق تورى خەلقنى ئالداپ، زور مىقداردا پۇل قانۇنسىز يىغىۋالغان» دېدى.

مەسئۇل دائىرىلەر ئۇلار دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىي بولغان فايسالئاباد شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بۇ جىنايەت تورى توغرىسىدا پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Exclusive: How Indian scammers built a multi-billion-dollar global fraud empire

بىراق، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەزى مەسئۇللار، تەكشۈرۈشنىڭ فايسالئاباد ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى تاسھىن ئاۋاننىڭ تۇرالغۇسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تاھسىننىڭ ھازىرچە قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئېيتقان.

قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 78 پاكىستانلىق، 48 خىتاي ھەمدە نىگېرىيە، فىلىپپىن، سىرى لانكا، باڭلادىش، زىمبابۋې ۋە بىرما پۇقرالىرى بار. بۇلارنىڭ 18 نەپىرى ئايال.

ساقچى ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەسلەپتە تۇنجى مەبلەغ سېلىشىدا ئاز پايدا بېرىلگەن، كېيىنچە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشقا كۆندۈرۈلگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «گۇماندارلار ۋاتساپ گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، تىكتوك ۋە يۇتۇب قاناللىرىنىڭ ئابونتى بولۇش، كېيىنكى قەدەمدە كۆپرەك مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان تېلېگرامغا ئابونت بولۇشقا يۈزلەندۈرگەن. «

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us