ھاماسنىڭ يېڭى رەھبىرى ئىززەددىن ئەلھەدداد كىم؟
ھاماسنىڭ يېڭى رەھبىرى ئىززەددىن ئەلھەدداد كىم؟
غەززەدە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ھاماسنىڭ يېڭى رەھبىرى ئىززەددىن ئەلھەدداد زادى كىم؟
9 يوليو 2025

ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھاماسنىڭ يېڭى رەھبىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان، ئىمكانقەدەر كۆپ پەلەستىنلىك مەھبۇسنى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن قويۇپ بېرىدىغان ۋە قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا يول ئاچىدىغان بىر كېلىشىم ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

غەرب تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن «قاسسامنىڭ ئەرۋاھى» دەپ ئاتالغان 55 ياشلىق ئىززەددىن ئەلھەدداد غەززەدىكى ھاماسنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى.

ناھايىتى ئاز فوتوسۈرەتكە چۈشكەن ئەلھەدداد «ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى» دىن ئامان قالغان تەجرىبىلىك مۇجاھىتتۇر. ئۇ 2025-يىلى مايدا ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھەممەد سىنۋارنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشىدىن كېيىن، قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ئۆستى.

پەلەستىنلىك سىياسىي ئانالىزچى يۈسۈف ئەلھەلۇ TRT World غا بەرگەن باياناتىدا: «ئۇ قەيسەر، تەرسا بىر مۇجاھىت... ھۆرمەتكە ۋە سۆيگۈگە ئېرىشكەن بىر شەخس» دېدى.

ئەلھەدداد يېقىنقى يەتتە ئاي ئىچىدە غەززەدىكى ھاماسنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئۈچىنچى كىشى بولۇپ قالدى. ئىسرائىلىيە يېقىنقى 21 ئاي ئىچىدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 57 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

غەززەدە ئەلھەددادنىڭ رەھبەرلىكى دىققەت تارتماقتا.

ئەلھەدداد 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ھۇجۇمىدا مۇھىم رول ئوينىغان شەخس دەپ قارىلىدۇ. ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇ ۋەقەنى «ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ يەنە ھاماس ئۈچۈن يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ ئەسىرلىك ھاياتىنى باشقۇرىدىغانلىقى مەلۇم.

ئەلھەلۇ ئەلھەددادنى «شىمالىي غەززەدىكى تونۇلغان قوماندانلارنىڭ بىرى» دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇنىڭ «ئەقىللىق بىر شەخس» سۈپىتىدە شۆھرەت قازانغانلىقىنى بىلدۈردى. «شۇڭلاشقا ئۇ ئاسانلا يېڭى جەڭچىلەرنى توپلىيالايدۇ» دېدى.

ھاماستىكى يۈكسىلىشى

1970 - يىلى غەززە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئەلھەدداد 1987-يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان ھاماسقا قاتناشقان ئىدى. قاسسام بىرىگادىسىدا پىيادە ئەسكەرلىكتىن باشلىغان كەسپىي ھاياتىدا تېزلىكتە يۈكسىلىپ، «ئەترەت كوماندىرى»، «باتالىيون كوماندىرى» ۋە ئاخىرىدا «بىرىگادا رەھبىرى» بولدى.

ئۇ ھاماس قوماندانلىرى ئارىسىدا «مۇھىم بىر كۆۋرۈك» دەپ قارىلىدۇ. 2024-يىلى ئۆكتەبىردە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن سابىق ھاماس رەھبىرى يەھيا سىنۋار بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى گۇرۇپپىسىدىكى تەسىرىنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

ئۇ يەنە ھاماسنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىك ئورگىنى ئەل مەجدتە مۇھىم رول ئويناپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ گۇمان قىلىنغان كىشىلەرنى ئاشكارىلىغان.

ئەلھەلۇ: «ئۇنىڭ ھەربىي ئۇسلۇبى ئىلگىرىكىلەردىن پەرقلىنىدۇ. سىياسىي رەھبەرلىككە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى. ئۇ ھاماسنىڭ 2007-يىلدىن بۇيان غەززەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىغا ۋە باشقۇرۇش، دىپلوماتىيە ۋە ئاۋام بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە مەسئۇل سىياسىي قانىتىغا ئىشارە قىلدى.

ئەلھەددادنىڭ بېشىغا 750 مىڭ دوللارلىق ئىسرائىلىيە مۇكاپاتى بېكىتىلگەن بولۇپ، 2008-يىلدىن بۇيان كەم دېگەندە ئالتە قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدىن ئامان قادى شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھۇجۇم نىشانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

7 - ئۆكتەبىر ھۇجۇمىنىڭ پىلانلىغۇچىسى

ئەلھەددادنىڭ ھاماس ئىچىدىكى ئورنى 7-ئۆكتەبىر ھۇجۇمىنى پىلانلاش ۋە ئىجرا قىلىشتىكى مەركىزىي رولى بىلەن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. پەلەستىنلىكلەر «ئەل ئەقسا توپانى ھەرىكىتى» دەپ ئاتىغان بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن چوڭ مەغلۇبىيەت دەپ قارىلىدۇ.

ھەرىكەتتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇ باتالىيون كوماندىرلىرى بىلەن مەخپىي يىغىن ئۆتكۈزگەن. يازما بۇيرۇقلارنى تارقىتىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى تۇتۇپ كېتىش ۋە ھۇجۇمنى نەق مەيداندىن ھۆججەتلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ھاماس 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە 251 ئىسرائىلىيەلىكنى تۇتۇپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيە ھاماستىن تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا،  تەخمىنەن 20 نەپىرىنىڭ ھازىرمۇ ھايات ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا. تېلئەۋىۋنىڭ غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشىنى توختىتىش شەرتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالدا داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتلەرنىڭ مەركىزى ماددىسى بولماقتا.

2025 - يىلى يانۋاردا ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەلھەدداد ھاماسنىڭ 7-ئۆكتەبىر ھۇجۇمىنى ئىسرائىلىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك غەززە ھۇجۇمى پىلانىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ پىلانلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىگە تەڭ كېلىدىغان 8200 - بىرلىكىنىڭ مۇلازىمېتىرلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمى ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما پەلەستىنلىك يازغۇچى ۋە سىياسىي ئانالىزچى كامىل ھەۋۋاش 7-ئۆكتەبىر ھۇجۇمىنى بىرلا ھاماس رەھبىرىگە باغلاپ قويۇشقا قارشى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ TRT World غا بەرگەن باياناتىدا: «ئۇ ھاماسنىڭ بىر قىسمى. ئۇنتۇماڭلاركى، بۇ بىر كوللېكتىپ خىزمەت ئىدى. بىر ئادەمنىڭ ئىشى ئەمەس ئىدى» دېدى.

ئەلھەدداد ئىككى ئاي ئىلگىرى ھاماسنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، گۇرۇپپا غەززەدە زور تالاپەتكە ئۇچرىغان بىر پەيت ئىدى. ئىسرائىلىيە ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى تەخمىنەن 35 مىڭ جەڭچىدىن 20 مىڭىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شۇنداقتىمۇ، ھاماس غەززەنىڭ ئاساسلىق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە ئەلھەدداد ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدە ۋېتو قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Hamas founder seeks removal of group’s terror designation via UK court

خۇسۇسىي يوقىتىشلار

ئەلھەددادنىڭ چوڭ ئوغلى سۇھەيب ۋە نەۋرىسى 2025-يىلى 17-يانۋاردا بىر ھاۋا ھۇجۇمىدا شېھىت بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككىنچى ئوغلى ئاپرېلدا شېھىت بولدى.

بىر سابىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن ئەسىرلىك مەزگىلىدە ئەلھەدداد بىلەن بەش قېتىم كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە رەھبەرنىڭ تەمكىن ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا بىر تۇتقۇننىڭ تاشلاپ كەتكەن كىتابىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇق قىلغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئەمما ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئەلھەددادنىڭ پوزىتسىيەسى تېخىمۇ سوغۇق ۋە قاتتىق ھالەتكە كەلدى. ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇن بۇنىڭ ئۇرۇشنىڭ خۇسۇسىي تەسىرىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئويلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن ھاماس رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىللاردىن بۇيان ئائىلە ئەزالىرىغا قارىتىلغان قەستلەپ ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستلىرىگە دۇچ كەلمەكتە ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ 7-ئۆكتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھەۋۋاش ھاماس جەڭچىلىرىنى ئىشغالىيەتكە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئۈندەيدىغان نەرسىنىڭ خۇسۇسىي زەخمە ئەمەس، بەلكى ئۆز غايىسىگە بولغان ئېتىقادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەمما، يېقىنلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ جەڭچىلەرنى ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى «تېخىمۇ قەتئىي ئىرادىلىك» قىلىدىغانلىقىنىمۇ قوشۇپ قويدى.

غەرب دوكلاتلىرىدا، ئەلھەددادنىڭ مۇرەسسە قىلمايدىغان سىنۋار قېرىنداشلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇنىڭ 2024-يىلى يانۋاردا مەھبۇس ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ۋە مارتتا بىكار بولغان بىر ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇزارتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

ئەلھەدداد ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىدە ۋېتو قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، قالغان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق چېكىنىپ چىقىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ، ھازىر دوھادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ مۇھىم ھالقىلىق نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

غەرب خەۋەر مەنبەلىرى، ئەرەب ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەلھەددادنىڭ ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشقا ئوچۇق بولۇشىنىڭ ئىلگىرىكى رەھبەرلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى نەقىل كەلتۈرمەكتە.

ھەۋۋاش ئەلھەددادنىڭ ئىلگىرىكى رەھبەرلەردىن تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارايدۇ. ھېچقانداق بىر ھاماس رەھبىرىنىڭ غەززەگە قارشى ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئوخشاش تۈپ مەسىلىلەردە يول قويۇشقا رازى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەۋۋاش ئەلھەددادنىڭ ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان، ئىمكانقەدەر كۆپ پەلەستىنلىك تۇتقۇننى ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىن قويۇپ بېرىدىغان ۋە قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا يول ئاچىدىغان بىر كېلىشىم ئۈستىدە  ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھەۋۋاش: «بۇلار ھەرقانداق ھاماس رەھبىرىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغان نىشانلىرىدۇر. ئۇنىڭ باشقىچە بىر ئۇسۇل قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايمەن» دېدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us