يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىدىغان خەلقئارالىق مۇتەخەسسىلەر گۇرۇپپىسى بولغان دۇنيا ھاۋارايى تەھلىل تەشكىلاتى (WWA) نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 24-ئىيۇندىن 23-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا پاكىستاندا كۆرۈلگەن يامغۇر كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن %10 تىن %15 كىچە تېخىمۇ كۈچلۈك ياققان. بۇ ئەھۋال شەھەر ۋە يېزا رايونلىرىدىكى نۇرغۇن بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
پاكىستان ھۆكۈمىتى 26-ئىيۇندىن بۇيان يۈز بەرگەن كەلكۈن، شىددەتلىك يامغۇر ۋە باشقا ھاۋارايى ھادىسىلىرى سەۋەبىدىن كەم دېگەندە 300 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 1600 ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
پاكىستاننىڭ شىمالىدا ياشايدىغان 50 ياشلىق سودىگەر ساقىب ھەسەن 22-ئىيۇل يۈز بەرگەن كەلكۈننىڭ ئۆزىنىڭ ۋە 18 تۇغقىنىنىڭ ئۆيىنى، شۇنداقلا سۈت فېرمىلىرىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى. دېھقانچىلىق ھايۋانلىرىنىڭ كەلكۈندە يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەسەن، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئۈچۈن تەخمىنەن 100 مىليون رۇپىيە (360 مىڭ دوللار) زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.
ھەسەن، سارۋارئاباد ئىسىملىك كىچىك بازاردىكى ئۆيلىرىنى كۆچۈرۈپ، تېخىمۇ ئېگىز جايغا بېرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇۋالغان بىردىنبىر ئاگاھلاندۇرۇشنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى بىر مەسچىتتىن قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتىكى ئۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھەسەن تېلېفوندا مۇنداق دېدى: «ھازىر بىز ئۆي-ماكانسىز قالدۇق. ئۆيلىرىمىز ۋەيران بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە بەرگىنى پەقەت 50 مىڭ رۇپىيە (177 دوللار) قىممىتىدىكى يېمەكلىك ياردىمى ۋە يەتتە چېدىر بولدى. يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان مۇشۇ چېدىرلاردا ياشاۋاتىمىز»
دۇنيا ھاۋارايى تەھلىل تەشكىلاتى (WWA) نىڭ تەتقىقاتىغا قاتناشمىغان ئىسلامئابادتا تۇرۇشلۇق كىلىماتشۇناس جاكوب ستېينېر، يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە كۈچلۈك يامغۇرلارنىڭ يېقىنقى پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى كۈتۈلگىنىدىن تېز سۈرئەتتە بولىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋسترىيەدىكى گراز ئۇنىۋېرسىتېتىدا تاغلىق رايونلاردىكى سۇ بايلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك خەتەرلەر ئۈستىدە خىزمەت قىلىدىغان يەرشارى مۇتەخەسسىسى: «يېقىنقى ھەپتىلەردە، پەقەت پاكىستاندىلا ئەمەس، پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا بىزنى ھەيران قالدۇرغان نۇرغۇن ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلدۇق» دېدى ۋە سۆزىنى «2050-يىلى يۈز بېرىشىنى كۈتكەن نۇرغۇن ۋەقەلەر 2025-يىلى يۈز بەردى. بۇ ياز تېمپېراتۇرا يەنە ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى» دەپ داۋاملاشتۇردى.
شىددەتلىك پەسىللىك يامغۇرلىرى يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان جەنۇبىي ئاسىياغا، بولۇپمۇ بەش دۆلەتكە سوزۇلغان ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىغا بىر قاتار ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. تېشىپ كەتكەن مۇزلۇق كۆللىرى ئىيۇل ئېيىدا نېپال بىلەن خىتاينى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم بىر كۆۋرۈك ۋە بىر قانچە سۇ ئېلېكتر توسمىسىغا زىيان سالدى.
بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر يېزىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈش ۋەقەسى كەم دېگەندە تۆت كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى.
كىلىمات جىددىي ھالىتى
پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلىنغان WWA تەتقىقاتىنىڭ ئاپتورلىرى، پاكىستاندا ئانالىز قىلغان يامغۇرنىڭ كىلىمات كرىزىسىنىڭ كەلكۈننى تېخىمۇ خەتەرلىك ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىلىماتشۇناسلار تېخىمۇ ئىسسىق ئاتموسفېرانىڭ تېخىمۇ كۆپ نەملىكنى ساقلايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بولسا يېغىننى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لوندون ئىمپېرىيە ئىنىستىتۇتى مۇھىت سىياسىتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋە WWA تەتقىقاتىنىڭ باش ئاپتورى مەريەم زەكەرىيا: «ھەر 0.1 گرادۇسلۇق ئىسسىپ كېتىش تېخىمۇ كۈچلۈك پەسىللىك يامغۇرلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ، قېزىلما يېقىلغۇدىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە نېمە ئۈچۈن بۇنچە تېز ئۆتۈش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.
پاكىستان ئاتموسفېرادىكى ئىسسىقلىقنى ئاشۇرىدىغان گازلارنىڭ %1 دىن ئازىغا مەسئۇل بولسىمۇ، تەتقىقاتلار ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىدىن ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. پاكىستان 2022-يىلى ئەڭ ۋەيرانچىلىققا ئىگە يامغۇر پەسلىنى باشتىن كەچۈردى؛ كەلكۈن 1700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە تەخمىنەن 40 مىليارد دوللارلىق زىيانغا سەۋەب بولدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىلىمات كرىزىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە يوقىتىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان دۇنياۋى فوندلار، پاكىستانغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ كىلىماتنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك سوممىدىن كۆپ تۆۋەن تۇرماقتا ئىكەن.
ب د ت زىيان ۋە يوقىتىش فوندىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە مۇناسىۋەتلىك يىللىق ئىقتىسادىي زىيانلارنى قامداشقا كېرەكلىك سوممىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرماقتا. شۇنىڭغا ئوخشاش، ب د ت ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش ئاتموسفېرادىكى ئىسسىقلىقنى ئاشۇرىدىغان گازلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىغا مەسئۇل بولغان تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ، ماسلىشىش مەبلىغى جەھەتتە ئېھتىياجلىق بولغان سوممىدىن كۆپ تۆۋەن تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ فوندلار كەلكۈن خەۋپى بار رايونلاردا تۇرالغۇ ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇشلارنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرەلەيدۇ.
دۇنيا ھاۋارايى تەھلىل تەشكىلاتى (WWA) نىڭ دوكلاتىدا پاكىستاننىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان شەھەر نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئادەتتە كەلكۈن خەۋپى بار رايونلاردىكى ۋاقىتلىق ئۆيلەردە ياشايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 300 ئۆلۈمنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى سەۋەبىدىن كيۈز بەرگەن.
دۇنيا ھاۋارايى تەھلىل تەشكىلاتى (WWA) نىڭ دوكلاتىنى تەييارلاشقا تۆھپە قوشقان قىزىل كرېست ۋە قىزىل ئاي كىلىمات مەركىزىدىن ماجا ۋاھلبېرگ بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «كەلكۈننىڭ ئۆيلەرنى ۋەيران قىلىپ، جانغا زامىن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھەمدە پاكىستاننىڭ شەھەر نوپۇسىنىڭ يېرىمىنىڭ ئۈل ئەسلىھەسى ئاجىز ئولتۇراق رايونلاردا ياشايدىغانلىقى بىلدۈردى. ھەمدە «كەلكۈنگە چىداملىق ئۆيلەر سېلىش ۋە كەلكۈن رايونلىرىدا قۇرۇلۇش قىلىشتىن ساقلىنىش، شىددەتلىك پەسىل يامغۇرلىرىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.