رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا قارشى كۈرەشتە نامايان جاسارىتى ئۈچۈن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا رەھمەت ئېيتتى.
پۇتىن خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا كىمغا: «مەلۇم بولغىنىدەك، سىزنىڭ تەشەببۇسىڭىز بىلەن ئالاھىدە قىسىملىرىڭىز كۇرسكى رايونىنى ئازاد قىلىشقا قاتناشتى. ئەسكەرلىرىڭىز باتۇرلۇق بىلەن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلدى» دېدى.
شىمالىي كورېيە قىسىملىرى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ غەربىدىكى كۇرسكى رايونىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىغا ياردەم قىلغانىدى.
پۇتىن: «قوراللىق قىسىملىرىڭىزنىڭ ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ پىداكارلىقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن» دېدى.
پۇتىن يەنە: «رۇسىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن ئورتاق كۈرەشكە قاتناشقانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. شىمالىي كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتۈن خەلقىگە ئەڭ سەمىمىي مىننەتدارلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن» دېدى.
ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۇتىن يەنە كىم جوڭئۇنغا خەت يېزىپ، شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى ماختىغانىدى.
كورېيەنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازاد بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلغان مەزكۇر مەكتۇپتا پۇتىن، سوۋېت قىزىل ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن شىمالىي كورېيە قىسىملىرىنىڭ ياپونىيەنىڭ مۇستەملىكىچى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن بىرلىكتە جەڭ قىلغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەنىدى.
رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئۆتكەن يىلى پۇتىننىڭ بۇ دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتى جەريانىدا ئۆزئارا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا.
شىمالىي كورېيە ئاپرېل ئېيىدا تۇنجى قېتىم ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيە قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە بىر ھەربىي گۇرۇپپا ئەۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.
جەنۇبىي كورېيە ۋە غەرب ئاخبارات ئورگانلىرى پيوڭياڭنىڭ 2024-يىلى رۇسىيەنىڭ كۇرسكى رايونىغا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر بىلەن بىرگە زەمبىرەك ئوقى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك راكېتا سىستېمىلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سېئۇل ھۆكۈمىتى رۇسىيە ئۈچۈن جەڭ قىلغان تەخمىنەن 600 شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە مىڭلارچە ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.