خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاننىڭ پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى «بالىلارچە» دەپ باھالاندى
پاكىستان ھىندىستاننى «ھەر قېتىملىق يۈزلىنىشتە قىلىچ ئوينىتىش ۋە ئۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى شۇنداقلا ھىندىستاننىڭ ئەيىبلەشلىرىنى «مەسئۇلىيەتسىز ۋە كىچىككىنە بىر دەلىلىمۇ يوق» ئەيىبلەشلەر دەپ ئاتىدى.
ھىندىستاننىڭ پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى «بالىلارچە» دەپ باھالاندى
ھىندىستاننىڭ پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى «بالىلارچە» دەپ باھالاندى / AP
August 12, 2025

پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىرنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا قىلغان سۆزلىرىگە قارىتا ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلارنى «قەتئىي بىر تىلدا» رەت قىلدى. باياناتتا مەزكۇر ئىپادىلەر «بالىلارچە» ۋە «ھىندىستاننىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك ھالدا پاكىتلارنى بۇرمىلاش ۋە باياناتلارنى مەزمۇنىدىن ئايرىۋېلىش ئادىتىنىڭ بىر نامايەندىسى» دەپ ئاتالدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھىندىستاننىڭ مەزكۇر باياناتلارنى «يادرو تەھدىت» دەپ تەرىپلىشىنى «ئالدامچىلىق ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان بىر قۇرۇلما» دەپ باھالاپ، پاكىستاننىڭ «كۈچ ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.

باياناتتا ھىندىستان ھۆكۈمىتى «ھەر قېتىملىق يۈزلىنىشتە قىلىچ ئوينىتىش ۋە ئۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەيىبلەشلىرى «مەسئۇلىيەتسىز ۋە كىچىككىنە بىر دەلىلىمۇ يوق» دەپ ئاتالدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاننىڭ «پۈتۈنلەي پۇقرالارنىڭ كونتروللۇقىدا تەپسىلىي قوماندانلىق قىلىش ۋە كونترول قىلىش قۇرۇلمىسىغا ئىگە، مەسئۇلىيەتچان يادرو قوراللىق دۆلەت» ئىكەنلىكىنى ۋە سەزگۈر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە «ھەر دائىم ئىنتىزام ۋە ئېھتىياتچانلىقنى نامايان قىلىپ كەلگەنلىكىنى» بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھىندىستان باياناتىدىكى «ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە قىلىنغان كېرەكسىز ئاتالمىلارنى» تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ «ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىك ئىشەنچىسىنىڭ كەمچىللىكىنى» ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ۋە «باشقا دۆلەتلەرنى كېرەكسىز ھالدا بۇ ئىشقا ئارىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

باياناتتا: «ھىندىستاننىڭ پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ياكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەرقانداق ھەرىكىتىگە دەرھال ۋە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى» تەكىتلىنىپ، «يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق جىددىيچىلىكنىڭ مەسئۇلىيىتى» نىڭ ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ئائىت بولىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.

«ئادەتلەنگەن پوزىتسىيە»

پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئاسىم مۇنىر شەنبە كۈنى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندا، ھىندىستاننىڭ ئىندۇس دەرياسىنى كونترول قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە سۇ ھەق - ھوقۇقلىرىنى مەيلى قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۇرغۇنلىغان ھىندىستان خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇنىر فلورىدانىڭ تامپا شەھىرىدە پاكىستان-ئامېرىكا جەمئىيىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر پائالىيەتتە: «ئەگەر ھىندىستان بىر توسما قۇرسا، بىز ئۇنى ۋەيران قىلىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە: «ئىندۇس دەرياسى ھىندىستاننىڭ ئائىلە مۈلكى ئەمەس. ئۇلارنىڭ دەريانى توختىتىش پىلانىنى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ بايلىقىمىز كەمچىل ئەمەس» دېگگننى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇنىرنىڭ سۆزلىرىگە جاۋابەن، ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق تەدبىرلەرنى داۋاملىق قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى راندىر جايسوال سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يېڭى دېھلىنىڭ پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىنىڭ ئامېرىكىدا قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆزلىرىگە دىققەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. جايسوال «يادرو بىلەن كۈچ كۆرسىتىشنى» پاكىستاننىڭ «ئادەتلەنگەن پوزىتسىيەسى» دەپ ئاتىدى.

باياناتلارنىڭ «ئەسكەرلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان بىر دۆلەتتە يادرو قوماندانلىق قىلىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ پۈتۈنلۈكىگە دائىر چوڭقۇر شۈبھىلەرنى» كۈچەيتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن جايسوال، بۇ باياناتلارنىڭ يەنە «دوست بىر ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ زېمىنىدىن ئېيتىلغانلىقىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە ھىندىستاننىڭ «يادرو قورقۇتۇشلىرىغا باش ئەگمەيدىغانلىقىنى» ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن «كېرەكلىك بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى» قايتا تەكىتلىدى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us