ئىيوردانىيە، پەلەستىن، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىغا سادىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنى جىددىيچىلىكنىڭ خەتەرلىك بىر شەكىلدە كەسكىنلىشىشىنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىدى.
كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىغا سادىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتلىرىنى ئەيىبلەپ، بۇ باياناتلارنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
نېتانياھۇ سەيشەنبە كۈنى i24 خەۋەر قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، «بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانىغا «ئىنتايىن سادىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمدە ئۆزىنى «بۇ يەرگە كېلىشنى ئارزۇ قىلغان يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ۋە ئۆزلىرىدىن كېيىن كېلىدىغان يەھۇدىي ئەۋلادلىرىغا» ۋەكىللىك قىلىدىغان «تارىخىي ۋە مەنىۋى بىر ۋەزىپەنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان شەخس» دەپ ئاتىدى.

«بۈيۈك ئىسرائىلىيە» پىلانى ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىتىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە، سۈرىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى، مىسىرنىڭ سىنا يېرىم ئارىلى ۋە ئىيوردانىيەنىڭ بەزى جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە زېمىنلىرىنى كېڭەيتىشىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئاتالغۇدۇر.
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋىزارىتى نېتانياھۇنىڭ باياناتلىرىنى «خەتەرلىك ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك» يارىتىشقا ئۇرۇنۇش دەپ تەسۋىرلەپ، بۇ باياناتلارنىڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا بۇ خىلدىكى «خام خىياللار» نىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھەق - ھوقۇقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ دەپسەندە قىلىدىغانلىقىنى، غەززە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا «زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش قاينىمىنى» تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى بۇ باياناتلارنى «پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق» ۋە «رايونلۇق بىخەتەرلىككە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئىغۋاگەرچىلىك ۋە جىددىيچىلىك» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە 1967-يىلىدىكى چېگرالار ئاساسىدا پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا چوقۇم يېتىدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىدى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ باياناتلارنىڭ «ئىشغالىيەت ھۆكۈمىتىنىڭ تەكەببۇرلۇق، كىرىزىس ھەم توقۇنۇشلارنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىش پوزىتسىيەسىنى» ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە «ئادىل، كەڭ كۆلەملىك ۋە سىجىل بىر تىنچلىق» ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان «كېڭەيمىچىلىك ئىدىيەسى ۋە پىلانلىرىنى» رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىدا مۇستەقىل ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋە قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلار» غا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك يۈزلىنىشلىرىنى» ئەيىبلەپ، بۇلارنىڭ «بارلىق ئەرەب خەلقلىرىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى» توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى
ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە كەڭ كۆلەملىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بولۇپ، بۇ جەرياندا يېرىمى دېگۈدەك ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 61 مىڭ 700 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئالدىنقى يىلى نويابىردا نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. ئىسرائىلىيە يەنە خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسىدىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.