ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدىكى قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن تېرە كېسەللىكلىرى كۆپىيىپ كەتتى
غەززەدىكى قاتتىق ئىسسىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن تېرە كېسەللىكلىرىدە كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلدى.
غەززەدىكى قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن تېرە كېسەللىكلىرى كۆپىيىپ كەتتى
/ AP
4 часа назад

شىپا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە يېقىلغۇ كەمچىللىكى سەۋەبىدىن سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ ئاقساپ قېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە تېخىمۇ ئېغىر سەھىيە خەۋپىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

شىپا دوختۇرخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەد ئەبۇ سىلمىييە پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، غەززەدە قاتتىق ئىسسىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇ سىلمىييە يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا، تېمپېراتۇرانىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە ئىچىملىك سۈيىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ غەززەدىكى ھەر ياشتىكى كىشىلەرنى ئېغىر دەرىجىدە سەھىيە خەۋپىگە دۇچار قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەبۇ سىلمىييە يېقىلغۇ توشۇشنىڭ توختىتىلىشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىلارنىڭ ناھايىتى مۇھىم داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىمارلار ۋە يارىدارلارنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 يەنە بىر تەرەپتىن، سەھىيە خادىملىرى قىيىن شارائىتتا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلماقتا.

ئەبۇ سىلمىييە دوختۇرخانىلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، ھايات قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتەلمەسلىكنىڭ ئاپەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىلەر پاناھلىنىۋاتقان مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە چېدىرلارنى داۋاملىق ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، غەززەدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلىپ، 2023 – يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئىسرائىلىيە بۇ جەرياندا 61 مىڭ 700 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە غەززەنىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى. ئىسرائىلىيە يەنە غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىنمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سەدىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us