ئالاقىدار تارماقلار پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ باجائۇر رايونىدا سەككىز، مانسېخرا رايونىدا ئىككى ۋە تۆۋەنكى دىر رايونىدا بەش كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا تالاپەت يەتكۈزگەنلىكىنى، ئاپەت نەتىجىسىدە كەم دېگەندە 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 17 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەيبەر پاختونخوا قۇتقۇزۇش ئىدارىسى 1122 ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارا يامغۇر ۋە يېغىن سەۋەبىدىن باجائۇر رايونىنىڭ تەھسىل سالارزاي قىسمىدا كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا ھازىرغىچە سەككىز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە 17 كىشىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
قۇتقۇزۇش ئىدارىسى 1122 نىڭ رايونلۇق مەسئۇلى ئەمجىد خان مۇنداق دېدى:
«يارىلانغانلار يەرلىك دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.»
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۆۋەنكى دىر رايونىنىڭ سورى پاۋ قىسمىدا قارا يامغۇردىن كېيىن بىر ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە كەم دېگەندە بەش كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تۆت كىشى يارىلاندى.
خەيبەر پاختونخوا ئۆلكىسىنىڭ مانسېخرا رايونىدا بىر ماشىنا كەلكۈن ئاپىتىدە غەرق بولۇپ كەتتى؛ ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر كىشى يارىلاندى.
شۇنىڭ بىلەن، 26 – ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈلكۈن ئاپەتلىرىدە پاكىستان مىقياسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 328 گە يەتتى.
پاكىستان دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈلكۈن ئاپەتلىرىدە 740 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان شەرقتىكى پەنجاپ ئۆلكىسىدە 164 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 582 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان.
قارا يامغۇر خەيبەر پاختونخوا ۋە گىگىت بالاتىستان رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دائىرىلەر ئوخشىمىغان رايونلاردا قاپسىلىپ قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئىيۇندىن سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان پەسىللىك يامغۇر پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيادا دائىم دېگۈدەك ۋەيرانچىلىققا سەۋەب بولىدىكەن. كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردا بۇ يامغۇرلار مۆلچەرلىگۈسىز شەكىلدە تېخىمۇ كۆپ يېغىشقا باشلىغان.