19 hours ago
ياۋروپا كومىتېتى مۇداپىئە تەييارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى» (SAFE)رامكىسىدا، 150 مىليارد ياۋرو (175.6 مىليارد دوللار) مۇداپىئە فوندىنىڭ دەسلەپكى تەقسىماتىنى ئېلان قىلدى.
كومىتېتنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، فوند دەسلەپكى تەقسىملەش سىستېمىسى ئاساسىدا قوللاشنى تەلەپ قىلغان 19 ئەزا دۆلەت ئارىسىدا تارقىتىلىدىكەن. ئاخىرقى سومما ھەر بىر دۆلەتنىڭ مۇداپىئە تۈرلىرى ۋە تەييارلىق سەۋىيەسىگە باغلىق بولىدىكەن.
بۇ بويىچە بولغاندا، پولشا 43.7 مىليارد ياۋرو بىلەن ئەڭ چوڭ ئۈلۈشكە ئېرىشىدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا رۇمېنىيە 16.68 مىليارد ياۋروغا، فىرانسىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ھەر بىرى 16.21 مىليارد ياۋروغا، ئىتالىيە 14.9 مىليارد ياۋروغا، بېلگىيە 8.34 مىليارد ياۋروغا، لىتۋانىيە 6.37 مىليارد ياۋروغا، پورتۇگالىيە 5.84 مىليارد ياۋروغا ۋە لاتۋىيە 5.68 مىليارد ياۋروغا ئېرىشىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Washington to cut military aid for Europe: official
باشقا دۆلەتلەردىن ئېرىشكەن بۇلغارىيە 3.26 مىليارد ياۋروغا، ئېستونىيە 2.66 مىليارد ياۋروغا، سىلوۋاكىيە 2.31 مىليارد ياۋروغا، چېخىيە جۇمھۇرىيىتى 2.06 مىليارد ياۋروغا، كىرودىيە 1.7 مىليارد ياۋروغا، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى 1.18 مىليارد ياۋروغا، ئىسپانىيە بىلەن فىنلاندىيە ھەر بىرى 1 مىليارد ياۋروغا، گرېتسىيە 787 مىليون ياۋروغا ۋە دانىيە 46.7 مىليون ياۋروغا ئېرىشىدىكەن.
تەۋسىيە
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ماي ئېيى (2025) دا قوبۇل قىلغان «يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى»، مۇھىم مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن باھادا رىقابەت كۈچىگە ئىگە، ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز بىلەن تەمىنلەيدۇ.
«يېڭى ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەرىكەت پىروگراممىسى» ياۋروپا كومىتېتىنىڭ «ياۋروپانى قايتا قوراللاندۇرۇش پىلانى/تەييارلىق 2030» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 800 مىليارد ياۋرودىن ئارتۇق مۇداپىئە خىراجىتىنى سەپەرۋەر قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
گەرچە قەرز پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرى ئۈچۈنلا بولسىمۇ، ئۇكرائىنا ۋە «EEA-EFTA» دۆلەتلىرىمۇ بۇ پىلان بويىچە ئورتاق سېتىۋېلىشقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US backing of Israel undermines EU leverage to stop Gaza war: Kallas