رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان دۇنيا تەرتىپىنىڭ «ئۆز رولىنى يوقاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ 2014-يىلى كىيېۋدا يۈز بەرگەن «غەرب قۇتراتقۇلۇق قىلغان دۆلەت ئۆزگىرىشى» تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە غەربنىڭ ئۇكرائىنانى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
پۇتىن خىتاينىڭ شىمالىدىكى پۇرت شەھەر تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن 25-نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «بۇ كىرىزىس رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئەمەس، بەلكى غەرب قوللىغان ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ئۇكرائىنادىكى دۆلەت ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىقتى. كېيىنچە، بۇ دۆلەت ئۆزگىرىشىنى قوبۇل قىلمىغان رايونلار ۋە خەلققە قارشى قوراللىق كۈچ ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇشلار ۋەزىيەتنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى».
پۇتىن كىيېۋدىكى ناتوغا ئەزا بولۇشقا قارشى تۇرغان سىياسىي رەھبەرلىكنىڭ 2014-يىلىدىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، غەربنىڭ ئۇكرائىنانى ئىتتىپاققا كىرگۈزۈش ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە «بىۋاسىتە تەھدىت» ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى «ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل» ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان پۇتىن، بۇ ھەل قىلىش چارىسىنىڭ كىرىزىسنىڭ تۈپ يىلتىزىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە رەھبىرى يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ «كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى» دەپ ئاتاپ، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۇنيا تەرتىپى مودېللىرىنىڭ «دەۋرىنىڭ ئۆتكەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ: «كونىراپ كەتكەن ياۋروپا مەركەزلىك ۋە ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان مودېللىرىنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتىدىغان بىر سىستېما قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مانا مۇشۇنداق سىستېمىلا ھەقىقىي تەڭپۇڭ بولالايدۇ ھەمدە بەزى دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئۆز بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىغا يول قويمايدۇ» دېدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي يەكشەنبە كۈنى: «بۇ ئۇرۇشنى خالايدىغان بىردىنبىر تەرەپ رۇسىيە، شۇڭا بىز بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنىدى.
زېلېنىسكىي سىنلىق نۇتقىدا موسكۋانى خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالماي، ئۇرۇشنى قەستەن ئۇزارتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە «ھازىرقى خىتاي زىيارىتىدە پۇتىن جاۋابكارلىقتىن قېچىشقا يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ باقىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئويۇنى» دېگەنىدى.
پۇتىن ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكانىڭ ئالاسكا ئىشتاتىدا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشنىڭ نەتىجىلىرىنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى «ئۇكرائىنادا تىنچلىق يولىنى ئېچىش ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتىدى.
ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنىمۇ ئويلىشىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، پۇتىن بىلەن ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى دۈشەنبە كۈنى تيەنجىندە ئۇچراشتى. ئىككى رەھبەر ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، مودى «تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن بارلىق تىرىشچانلىقلار»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋا 2022-يىلى فېۋرالدا كىيېۋغا قارشى «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت» قوزغىغان ئىدى. شۇنىڭدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق توقۇنۇش نەتىجىسىدە مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلارچە ئۇكرائىنالىق سەرگەردان بولدى.