پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئافرىقا ۋە كارىب دېڭىزىدىكى كىچىك دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم دۆلەتلەرگە %10 تىن يۇقىرى ئىمپورت بېجى قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ھىندونېزىيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ دۆلەتتىن ئامېرىكاغا كىرگەن مەھسۇلاتلاردىن %19 باج ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ترامپ سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ئىھتىمال، ھەممىسى ئۈچۈن بىر خىللا تاموژنا بېجى بېكىتىمىز» دېدى ۋە كەم دېگەندە 100 دۆلەتتىن كەلگەن مەھسۇلاتلار ئۈچۈن «%10 تىن سەل يۇقىرى» مۇقىم تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر تاموژنا باجلىرىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.
سودا مىنىستىرى خوۋارد لۇتنىك مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئاساسەن ئامېرىكا سودا ھەجىمىدە نىسبەتەن تۆۋەن ئۈلۈشكە ئىگە ئافرىقا ۋە كارىب دېڭىزىدىكى دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ترامپنىڭ سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىش يۆنىلىشىدىكى كەڭ كۆلەملىك نىشانىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھىندونېزىيە مەسىلىسىدە، كېلىشىمنىڭ ئەسلىدە بېكىتىلگەن %32 لىك نىسبەتتىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ھىندونېزىيە 15 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى، 4 مىليارد 500 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ۋە كۆپىنچىسى 777 تىپلىق بولغان 50 دانە بوئېنگ ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشقا ۋەدە بەردى.»
ترامپ كېلەر ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجى نىسبىتى توغرىسىدا 20 نەچچە دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خەت ئەۋەتكەنىدى.
بۇ قېتىمقى باج دولقۇنى ترامپنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئېلان قىلىپ، بازارلاردا داۋالغۇش پەيدا قىلغان تارىخىي يۇقىرى ئىمپورت بېجى توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.
ترامپنىڭ شۇ ۋاقىتتا باشلانغان 90 كۈنلۈك سۆھبەت مۇددىتى 9-ئىيۇلدا ئاخىرلاشتى.
پىرېزىدېنت ترامپ يەنە، دورا ئىمپورتىدىنمۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يېڭى تاموژنا باجلىرى ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە بايانات ئېلان قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ يەنە كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە قويۇلىدىغان باجلارغىمۇ ئوخشاش بىر خىل ئەندىزىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى، دەسلەپتە تېخىمۇ تۆۋەن نىسبەت بىلەن باشلىنىپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىشىغا شارائىت يارىتىلغاندىن كېيىن، باجنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.