ئوچېرىك
7 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا ئۇرۇش قوزغىلىدۇ ؟
يېڭى دېھلى بىلەن ئىسلامئاباد ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن بولغان خەتەرلىك گىرداپقا يېقىنلاشقان بىر ۋەزىيەتتە، يەنە بىر قېتىم بىر-بىرىنى ئەيىبلەپ ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشماقتا.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا ئۇرۇش قوزغىلىدۇ ؟
ھىندىستان چېگرا قوغداش قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەشمىرنى بۆلۈپ تۇرغان ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسى (LoC) يېقىنىدىكى بىر ئېقىن ئۈستىگە ياسالغان ياغاچ كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. سۈرەت: روېيتېرس / Reuters
7 мая 2025 г.

ھىندىستاننىڭ ئەيىبلىشىدىن كېيىن ھەر دائىم پاكىستانغا قارىتا دىپلوماتىك ۋە ھەربىي جازالىرى ئىزچىل ئىجرا قىلىنىپ كەلمەكتە. 1 مىليارد 460 مىليون نوپۇسى بار بولغان ھىندىستاندا، سىياسىيونلار ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنى ۋە ئۇلارنى قوللىغۇچىلارنى سوتقا تاپشۇرۇشقا ۋەدە بېرىدۇ. 250 مىليون نوپۇسى بار بولغان پاكىستان بولسا، قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ھىندىستاننىڭ تاشلىغان قەدەملىرىگە ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ كەلمەكتە.

نەتىجىدە، جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ ئىككى يادرو كۈچكە ئىگە رەقىبلەر، دوست دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچە بولغان جەرياندا، كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇشقا خەۋپىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ.

بۇ پاكىستان ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان تەكرارلىنىۋاتقان بىر مودېلىغا ئايلاندى، ھەربىي جىددىيچىلىك، چېگرا توقۇنۇشى، ھەتتا چېگرا ھالقىغان ھاۋا ھۇجۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئەمما، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودىنىڭ قاتتىق قول ھىندى مىللەتچى ھۆكۈمىتى 2014-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، بۇ خىل جىددىيچىلىكنىڭ كۆپلۈكى ۋە شىددىتى بارغانسىرى كۈچەيمەكتە.

مودى ھۆكۈمىتى 2016-يىلى ئۇرىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتتىن چېكىنىپلا قالماي، يەنە پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتىدە، كىركىتنى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىككى تەرەپلىك يۈرۈشلۈك مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلمەسلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ھىندىستان ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2006-يىلى ئىككى تەرەپ مۇسابىقىسى ئۈچۈن پاكىستاننى زىيارەت قىلغان، پاكىستان بولسا 2012-ۋە 2013 - يىللىرى ئىككى مۇسابىقە ئۈچۈن ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان ئىدى.

2008-يىلدىكى بومباي تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىن ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن زوراۋانلىقلار ھەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ۋە كىركىت مۇسابىقىلىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، پاكىستان كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىشكە ۋە تەنتەربىيە مەيداندىن سىياسەتنى يىراقلاشتۇرۇشقا چاقىردى. ئەمما، مودى پاكىستاننى يېڭى دېھلى ئېيتقاندەك تېررورلۇقنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلا بولسا، پاكىستان بىلەن بولغان نورمال ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە ۋە كىركىت مۇسابىقىلىرىنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قەتئىي پوزىتسىيەسىنى ساقلاپ كەلدى.

بۇ قېتىمقى جىددىيچىلىك

22 - ئاپرېلدا، ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى كەشمىرنىڭ تالاش-تارتىشلىق ھىمالايا رايونىغا جايلاشقان پاھالگامغا يېقىن بەيساران ۋادىسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى، ئىككى دۆلەتنى يەنە بىر قېتىم ئۇرۇش گىردابىغا ئېلىپ كەلدى.

كىلمىكى ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان قوراللىق تەشكىلات «قارشىلىق كۆرسىتىش فرونتى» نىڭ بەش نەپەر قوراللىق ئەزاسى بۇ ھۇجۇمنى ئېلىپ بېرىپ، 24 ھىندى ساياھەتچىسنى، بىر خىرىستىيان ۋە بىر يەرلىك مۇسۇلمان يېتەكچى قاتارلىق 26 پۇقرانى ئۆلتۈردى.

ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش، ھىندىستان تاراتقۇلىرى ھېچقانداق پاكىتسىز ھالدا پاكىستاننى بۇ ۋەھشىيلىك بىلەن ئەيىبلەشتە بىر مىنۇتمۇ تەخىر قىلمىدى. يېڭى دېھلى دائىرىلىرى، ئىككى رىقابەتچى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ بوغۇپ قويىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى.

ھىندىستاننىڭ تەدبىرلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى، سودىنى توختىتىش ۋە 1960-يىلدىكى دۇنيا بانكاسى كېپىل بولغان ھىندى دەرياسى شەرتنامىسىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ قويۇش قاتارلىق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنتايىن خەتەرلىك قەدەملەرنى تاشلىدى. بۇ شەرتنامە ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئالتە دەريانىڭ ئىككى دۆلەتكە ئۈچتىن بۆلۈپ بەھرىمان بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كېلىشىم ئىدى.

پاكىستان تېگىشلىك جاۋاپ قايتۇرۇش سۈپىتىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش، سودىنى توسۇش ۋە ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ پاكىستان ھاۋا بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى چەكلەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.  

پاكىستان ھىندىستاننىڭ پاكىستانغا ئاقىدىغان دەريالارنىڭ ئېقىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق ھەرىكىتىنىڭ «ئۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ۋە كېرەكلىك جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى ھەر قانداق ھۇجۇمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، دۇنيا بولسا، يېڭى دېھلىنىڭ پاكىستانغا ياكى باشقۇرۇشى ئاستىدىكى  كەشمىر رايونىغا قۇرۇقلۇق ۋەيا ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغايدىغان ياكى قوزغىمايدىغانلىقىنى كۈتمەكتە.

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنياۋى كۈچلەر ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەم پاكىستان، ھەم ھىندىستان رەھبەرلىرى بىلەن ئالاقىلەشمەكتە. رۇسىيە ، خىتاي، قوشنا ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم ئاساسلىق دۆلەتلەرمۇ پاكىستان ۋە ھىندىستان رەھبەرلىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا چاقىرماقتا.

پاۋلامادىن پاھالگامغىچە

پاھالگام ۋەقەسىدىن كېيىن پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ يېقىنقى جىددىيچىلىكى 2019-يىلى فېۋرالنى ئەسلىتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ پاۋلاما رايونىدىكى مەركىزى زاپاس ساقچى قىسىمى (CRPF) ئاپتوموبىلغا قارىتىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىدە 40 ئەتراپىدا بىخەتەرلىك خادىمى ئۆلگەن ۋە ئىككى دۆلەت ئۇرۇشقا ناھايىتى يېقىنلاشقان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا، ھىندىستان بۇ ھۇجۇمنى پاكىستاندا تۇرۇشلۇق جايش-مۇھەممەد قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن، ئەمما ئادەم بومبانىڭ يەرلىك كەشمىرلىك ياش ئادىل ئەھمەد دار ئىكەنلىكى ئاشكارلانغان ئىدى.

ھىندىستاننىڭ ئەيىبلىشىدىن كېيىن، يېڭى دېھلى خەلقئارا چېگرادىن ھالقىپ پاكىستاننىڭ شىمالىدىكى بالاكوت رايونىدا ئىنسانسىز بىر رايونغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان ئىدى. گەرچە ھىندىستان بۇ ھۇجۇمدا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ لاگېرىنى نىشانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما نەق مەيداندىكى ئىسپاتلار بۇنى يالغانغا چىقارغان ئىدى.

پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسى ھۇجۇمغا بىر نەچچە سائەت ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، كەشمىردىكى تالاش-تارتىشلىق چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە يېقىن ھەربىي نىشانلارنى بومباردىمان قىلغان ئىدى.

بۇ جەرياندىكى ھاۋا توقۇنۇشىدا، پاكىستان كەم دېگەندە بىر ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن ۋە ھۇجۇم قىلىنغان ئەھۋالدا ئۆچ ئېلىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى. پاكىستان ئارمىيەسى يەنە ھىندىستاننىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جىددىيچىلىك 2016-يىلى 1-ئايدا ھىندىستاننىڭ پاتانكوتتىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ۋە 2016-يىلى 9-ئايدا ئۇرى بازىرىغا يېقىن ھىندىستان بىرىگادا مەركىزىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىدى.

دۇنيا بۇ ئەڭ يېڭى جىددىيچىلىكنى ھازىرچە پەسەيتەلەيدىغاندەك قىلسىمۇ، بىر قىسىم دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلارنىڭ ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ياكى پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھۇجۇم بىلەن جەنۇبىي ئاسىيانى يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىرىزىسقا پاتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

ھىندىستاننىڭ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يېڭى دېھلى دائىرىلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھەربىيلەشتۈرۈلگەن رايونلارنىڭ بىرى بولغان ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرنىڭ تىنچلىق يۈكىرىنى پاكىستانغا ئارتىپ قويغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

شۇڭا، گەرچە ئىككى يادرو كۈچكە ئىگە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن «ئوت ئۆچۈرۈش» تەدبىرلىرى زۆرۈر بولسىمۇ، ئەمما نېگىزلىك مەسىلە ئەمدىلىكتە مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك.

تارىخنىڭ مەسئۇلىيىتى

ئىسلامئابادنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان پاكىستاننى ئەيىبلەشنىڭ ئورنىغا، كەشمىرنىڭ ھىندىستان تەرىپىدىكى قوراللىق قارشىلىق ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنى تەكشۈرۈشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948-يىلى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، كەشمىرلىكلەرگە پاكىستان ياكى ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ياشاشنى تاللاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن بولۇپ، بۇ ۋەدىلەر تېخىچە ئەمەلگە ئاشقىنى يوق.

ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان كەشمىردە 1948- ۋە 1965-يىللىرى ئىككى قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش ۋە 1999-يىلى كارگىل تېغىدا چەكلىك توقۇنۇش يۈز بەردى.

1989-يىلدىن بۇيان ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە قانلىق توپىلاڭ يۈز بېرىپ، مىڭلىغان كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا پارتىزانلارنىڭ ھۇجۇمى ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر رايون مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرماقتا، يېڭى دېھلى دائىرىلىرى ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىپ ئۇنى كونترول قىلىشقا تىرىشماقتا.

مىڭلىغان كەشمىرلىكلەر تۈرمىدە ياتماقتا، ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى قىيىن-قىستاق، سوت سىرتىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە باسقۇنچىلىق قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

2019-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى باشچىلىقىدىكى ھىندى مىللەتچى ھۆكۈمىتى كەشمىرگە ئەڭ ئاز ۋە سىمۋوللۇق ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن ئاساسىي قانۇننىڭ 370 - ۋە 35-A ماددىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.

بۇ قەدەم ھىندىستاننىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇن كاپالەتلىرىنى، ب د ت نىڭ قارارى ۋە پاكىستان بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بولۇپ، بۇ تالاش-تارتىشلىق رايوننى ئۆز زېمىنىغا قوشۇۋالغانلىقتىن دېرەك بەردى. بۇ ئارىلىقتا باستۇرۇشلار كۆپەيدى، سىياسىي ئۆكتىچىلەر يەنە قولغا ئېلىندى، ئاخبارات ۋە ئىنتېرنېت تورىغا چەكلىمە قويۇلدى.

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشمۇ كەشمىرنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ يولىنى ئاچتى. بۇ كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قېلىشىدەك ئەندىشە پەيدا قىلدى.

ئىلگىرى مۇسۇلمان ئەمەسلەر ياكى رايون سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ كەشمىردە مال-مۈلۈككە ئېرىشىش ياكى ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەمما، 2019-يىلدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بىلەن بۇ قانۇن ئەمەلدىن قالدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 2019-يىلى 5-ئاۋغۇستتىكى بىر تەرەپلىمە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە دۆلەتنىڭ باستۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

چىقىش يولى يوق

پاكىستان ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دىپلوماتىيە ۋە نورمال مۇناسىۋەتنى مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىر ئىمران خان ھۆكۈمىتى ھىندىستان بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئازايتقان ھەمدە تالاش-تارتىشلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش ھەرىكىتىدىن يانمىسا، يېڭى دېھلى بىلەن ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھازىرقى باش مىنىستىر شاھباز شەرىف رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان ھۆكۈمىتى سودا چەمبىرىكى ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ سودا يولىنى ئېچىپ، ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش بېسىمىغا قارىماي، ئىلگىرىكى سىياسەتنى داۋاملاشتۇردى.

ھەتتا پاكىستان تەرەپتىكى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارمۇ قوللىرىنىڭ باغلانغانلىقىنى ھېس قىلماقتا. چۈنكى ھىندىستاندا تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغان سۆھبەتچى يوقتەك قىلىدۇ. ھىندىستان ھەتتا مۇزاكىرە ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىمۇ مۇمكىنسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.

باش مىنىستىر مودىنىڭ بېسىم دىپلوماتىيەسى ھىندىستاننىڭ ئاممىباب دۆلەت ئىچى سىياسىتىدە ئۇنى سىياسىي ئەۋزەللىككە ئېرىشتۈردى. پاكىستانغا قارشى تۇرۇش ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سۆزلەر ھازىرمۇ ھىندىستان سايلىمىدا قوللىغىۇچىلارنى جەلپ قىلماقتا. ھالبۇكى پاكىستان سايلىمىدا ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئەزەلدىن كۈنتەرتىپىدە يوق، ھىندىستان سايلىمىدىكى پاكىستانغا قارشى كەيپىيات ئاساسلىق تەشۋىقات قورالى سۈپىتىدە پايدىلىنىلماقتا.

مودى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن، ھەم سىياسىي بۆلۈنگەن، ھەم ئىقتىسادى ئاجىز پاكىستانغا بېسىم ئىشلىتىش دىيالوگقا قارىغاندا تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگەدەك قىلىدۇ.

ئەمما پاكىستاندىكى نۇرغۇن رەقىب سىياسىي كۈچلەر ھىندىستاننىڭ بۇ تەھدىتى ئالدىدا ئەمدىلىكتە بىرلەشتى. ھەتتا ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە بولغان پاكىستان ئەدلىيە ھەرىكىتى (PTI) مۇ گەرچە ھۆكۈمەتتىن ئۇزاق تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھىندىستان ھۇجۇملىرىغا قارشى ئارمىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، خەلقئارا دىپلوماتىيەنىڭ تەسىرىدە ھازىرچە پاھالگام كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئالالىسىمۇ، پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئۆزلىرىنىڭ پىرىنسىپى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي بېسىم سەۋەبىدىن بىر-بىرىگە بولغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ھازىرقى كەسكىن ۋەزىيەتتە، ھېچقانداق ھۆكۈمەتنىڭ ئارقىغا چېكىنىش مۇمكىنچىلىكى يوق.

شۇڭا، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئەڭ رېئال تاللاش ھازىرچە نىسپىي «سوغۇق تىنچلىق» دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋر چوقۇم ب د ت نىڭ قارارىغا ئاساسەن كەشمىرلىكلەر پىكىر قىلىش ۋە ھوقۇققا  ئېرىشىدىغان ئىجادىي ياكى ئۆزئارا ماسلىشىشىنى ئاساس قىلىدىغان ھەل قىلىش چارەسى تېپىلغۇچە داۋاملىشىشى كېرەك.

مەنبە:TTR Global
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us