ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا رايونىدا نېمە ئىشلارنى قىلماقتا؟
ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا رايونىدا نېمە ئىشلارنى قىلماقتا؟ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېڭى ھۇجۇمى، ئۇنىڭ سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلارنى ئىشغال قىلىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا رايونىدا / AP
15 hours ago

ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا ۋىلايىتىنى بومباردىمان قىلىشنى كۈچەيتتى. شام ھۆكۈمىتى بۇ ھۇجۇملارغا «خائىنلىق» دەپ باھا بېرىپ، بۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ: «بۇ جىنايى قىلمىش، سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئوچۇق-ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق، خەلقئارا قانۇن پىرىنسىپلىرىغا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە ئوپئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ» دېدى.

باياناتتا يەنە: «بۇ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق ۋە تاشقى ئارىلىشىشنىڭ ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك بىر ئۆرنىكىدۇر» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە قاراتقان ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلغان ۋە شام ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللىق يېتىم قېلىشتىن كېيىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا-ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن باشلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

نېمىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ؟

سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە باشلانغان ھۇجۇملار، شام ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنىدىن بېرى كەم دېگەندە 30 ئادەم قازا قىلغان ۋە 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان دۇرزىي خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن بەدەۋىي قەبىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.

ئىسرائىلىيە دۇرزىيلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ سۈرىيەگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتتىكى دۇرزىي جامائەسىنىڭ دىنىي داھىيسى سۈۋەيدادىكى بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قورال تاشلاشقا ۋە سۈرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن تولۇق ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.

ئىسلام دىنىنىڭ بىر مەزھىپىنى تەشكىل قىلىدىغان دۇرزىيلار، ئىسرائىلىيە، سۈرىيە ۋە لىۋاندا ياشايدىغان ئاز سانلىق جامائەت ھېسابلىنىدۇ. دۇرزىي جامائەسى ئاساسلىقى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۈۋەيدا ۋىلايىتىدە ياشايدىغان بولۇپ، پايتەخت دەمەشىقنىڭ بولۇپمۇ جەرەمانا ۋە ساھنايا شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدىمۇ خېلى كۆپ نوپۇسقا ئىگە. ئىسرائىلىيەدىمۇ ئاز سانلىق دۇرزىي جامائەسى بار.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى دۇرزىيلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنى سىياسىي مۇساپىگە قاتناشتۇرۇش ھەققىدە ۋەدە بەردى.

چوڭقۇر نەزەر

دۇرۇزىي جامائىتىنىڭ ھازىرقى سىياسىي مانېۋرالار ھەققىدىكى پىكىرى ئوخشاش ئەمەس. بەزى دۇرزىيلار ھۆكۈمەت بىلەن دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلسا، يەنە بەزىلىرى تېخىمۇ كەسكىن ياكى توقۇنۇشچان بىر مەۋقەنى ياقلىماقتا.

سۈۋەيدادا بەدەۋىي قەبىلە ئەزالىرى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇپ، بىر دۇرزىيغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ نەرسە-كېرەكلىرىنى بۇلاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى دەۋالار، رايوندا جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇ ۋەقە ئىككى جامائەت ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا زوراۋانلىق ۋە ئادەم قاچۇرۇش قىلمىشلىرى يۈز بېرىدىغان بىر چەمبەرنى پەيدا قىلدى.

ھۆكۈمەت قىسىملىرى رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بولسىمۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خاتىرجەمسىزلىكنى «قانۇنسىز گۇرۇپپىلار»غا دۆڭگەپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى يولغا قويدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىنقى «تاجاۋۇزچىلىقى»، ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى سۈرىيە زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ۋە دەرئا ۋىلايەتلىرىدە كەم دېگەندە 10 يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇپ، 1974-يىلدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ مەۋجۇتلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.

ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە سۈرىيە مىقياسىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى. ھۇجۇملار ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىنىڭ سىرتىغا ھالقىپ، 1973-يىلدىكى يۇم كىپپۇر ئۇرۇشىدىن كېيىن بىتەرەپ دەپ بېكىتىلگەن تەڭپۇڭ رايونغىچە كېڭەيدى.

ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ياسالغان بازىلار ئادەتتە ئىستراتېگىيەلىك دۆڭلۈكلەر ۋە ئاساسلىق يوللارنىڭ كېسىشىش نۇقتىلىرىغا يېقىن جايلارغا قۇرۇلغان. بۇ ئورۇنلار ئەتراپتىكى يېزىلارنى بىۋاسىتە كۆزىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، سۈرىيەلىكلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ بىتەرەپ رايون ئېلان قىلىشىنى رەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدا «ئىككىنچى لىۋان» قۇرۇلۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسا، دەمەشىق تېل ئاۋىۋنى دۆلەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان يامان غەرەزلىك نىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەيىبلىدى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنىڭ «پىلانلىق شۇنداقلا گۇمانلىق بىر مۇھىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى، مىللىي مۇقىملىقنى بۇزۇشنى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن بىخەتەرلىكنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقان سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى نىشان قىلغانلىقى»نى بىلدۈردى.

بۇ تەرەققىياتتا قىزىقارلىق بولغىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى ۋە ئاساسلىق قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولغان ئامېرىكانىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەسلىكىدۇر.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم بارراك ۋاشىنگتوننىڭ «تىنچلىق ۋە پۈتۈنلىشىش يۆنىلىشىدە ئىلگىرىلەش ئۈچۈن» بارلىق تەرەپلەر بىلەن ئالاقىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئاكسىيوس خەۋەرلەر تورى بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەدىن سۈرىيە ھەربىي قىسىملىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە كەينىگە چېكىنمىدى ۋە ئەسەد يىقىلغاندىن بېرى سۈرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىرىگە قارشى تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇردى.

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىلگىرى ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكى چېگراسىدىكى سۈرىيە زېمىنىدا ب د ت تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقان تەڭپۇڭ رايوننى ئىشغال قىلىپ، سۈرىيەدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا يۈزلەرچە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغانىدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى يېڭى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە قەدەم تاشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە تىرىشماقتا.

سۈرىيە ئەمەلدارلىرى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە بىلەن ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە جاۋاب بەرمىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىنقى ھەرىكەتلىرىمۇ بۇ يۆنىلىشتىكى قەدەملەرگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرماقتا.

«ئىسرائىل ھايوم» گېزىتى سەيشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيە دىياسپورا ئىشلىرى مىنىستىرى ئامىچاي چىكلىنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ)نى يوقىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىكلىنىڭ باياناتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن بىر بىخەتەرلىك كېلىشىمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قارىتىلغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «بارلىق دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلارنى سۈرىيە ئەرەب جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە ھەر قانداق بۆلگۈنچى ئىسيانچى ھەرىكەتنى قوللاشتىن ساقلىنىش»قا چاقىردى.

بىر باياناتتا، سۈرىيەلىكلەر «زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش، قانۇنسىز قوراللارنى تاپشۇرۇش ۋە سۈرىيەنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىنى پارچىلاشنى ھەمدە بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقىنى چېچىشنى مەقسەت قىلغانلارنى توسۇش»قا چاقىرىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە بىلەن ئەنگلىيە سۈرىيەگە قويۇلغان چەكلىمىلەرنى شەرتسىز بىكار قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىريۇسسېلدا ھەممىلا يەردە جاسۇسلار نىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش  كېلىشىمىدىن خۇرسەنمىز
ترامپ ۋە مودى ھىندىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرمەسكە سالدى
غەززەنىڭ كۆزى: پلېستىيا ئەلئەققادنىڭ پەلەستىندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى چۈشەندۈرۈش كۈرىشى
تۈركىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى تونۇشىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ
ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى رامىزان ۋە ھۇزۇر مۇنازىرىلىرى
ئوتتۇز كۈنلۈك غەلىبە: 1897-يىلدىكى ئوسمانلى -گىرېتسىيە ئۇرۇشى
تۈركىيە «تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا» بەرپا قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى چاقىرماقتا
داتچادىكى ئوسمانلى دەۋرىگە ئائىت كېمە چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى
تارىخىي «رىگاتا» سۇ تەنتەربىيەسى بايرىمى نىگېرىيەنىڭ مەدەنىيەت مىراسىنى نامايان قىلدى
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنت ئەزالىرى پىرېزىدېنتنىڭ جىددىي ھالەت جاكارلاش قارارىنى رەت قىلدى
گىرۇزىيە ئەڭ يۇقىرى سوت مەھكىمىسى پىرېزىدېنتنىڭ سايلام نەتىجىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلدى
نېپال بىلەن خىتاي «بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى» تۈرى توغرىسىدا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
TRT Global نى كۆرۈپ چىقىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەڭ!
Contact us