تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، 15-ئىيۇل كېچىسى سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى يارىتىلغان قەھرىمانلىق داستانى ھەققىدە توختىلىپ، «ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا بۈگۈنگە قەدەر يول قويمىدۇق ۋە ئەسلا يول قويمايمىز. 15-ئىيۇل داستانىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز» دېدى.
فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى يۈز بېرەپ ئارىدىن 9 يىل ئۆتتى.
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا 15-ئىيۇل كېچىسى سۇيىقەستچى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى يارىتىلغان قەھرىمانلىق داستانى ھەققىدە يازما يوللىدى.
قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا يوللىغان يازمىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىپادىلىدى:
«ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ شەرەپ كۈنى، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان مىللىي قەھرىمانلىق داستانى بولغان 15-ئىيۇلنىڭ خاتىرە كۈنىدە، شەھىدلىرىمىزنى رەھمەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن؛ شەھىدلىرىمىزنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
15 - ئىيۇل، دېموكراتىيەگە ۋە مىللىي ئىرادىگە بولغان ساداقىتىمىزنىڭ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ ۋە ۋەتەننى جان تىكىپ قوغداشنىڭ ئەڭ كونكرېت مىساللىرىدىن بىرىدۇر.
15 - ئىيۇل، دېموكراتىيەمىزنى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ھەر دائىم قوغدىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدىغان بىر ساۋاق ۋە شۇنداقلا بىر ۋەزىپىدۇر.
15 - ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغان پۇقرالىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى سايىسىدا، بۈگۈن كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار قارىماقتىمىز<
15 - ئىيۇلدا شەھىدلىرىمىز جان بەرگەن بۇ زېمىندا قىيامەتكىچە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.
دۆلىتىمىزنى، دېموكراتىيەمىزنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئەتىمىزگە يەتكۈزىمىز.
ئاللاھ، بۇ يولدا بىرلىكىمىزنى ۋە تىنچلىقىمىزنى دائىم قىلسۇن.
ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا بۈگۈنگە قەدەر يول قويمىدۇق، ئەسلا يول قويمايمىز.
15 - ئىيۇل داستانىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز»