ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى كۈچەيگەن بىر پەيتتە، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىككى رەھبەر سەيشەنبە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا بىر يەرگە جەم بولدى. ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. نېتانياھۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېرىلگەن ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشقان كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ئۇچرىشىشى، ترامپ يانۋار ئېيىدا ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكاغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇ ئۇچرىشىشلار، ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر سانىنىڭ تۆتتىن بىرگە چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.
ۋىتكوف ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:
«بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىزنى 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشتۈرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىزدىن ئۈمىدۋارمىز، 10 تۇتقۇن قويۇپ بېرىلىدۇ، 9 جەسەت تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.»

نېتانياھۇنىڭ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قاتاردىن كەلگەن بىر ھەيئەت، ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. Axios نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقساراي بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.
نېتانياھۇ كاپىتول ھىل (پالاتا بىناسى) دا پالاتا ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، ئەمما مۇزاكىرىچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن «ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:
«غەززەدىكى ئىشىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك... بارلىق تۇتقۇنلىرىمىزنى قويۇپ بېرىپ، ھاماسنىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئىقتىدارىنى يوق قىلىشىمىز كېرەك.»
نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس، ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايك جونسون بىلەن كۆرۈشۈپ، چارشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن پارلامېنت بىناسىغا يەنە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.